باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە–ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ‹‹ئۈچ بايرام›› مەزگىلىدە، ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغات بېرىش ۋە يەپ–ئىچىش قاتارلىق ناتوغرا ئىستىللارنى پاش قىلىشنى قارشى ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2013.09.18 16:27         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاۋ جىيۈن خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 17 – سېنتەبىر ‹‹مەركىزىي كومىتېتنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمى ۋە قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ، ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغات بېرىش قاتارلىق ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي چەكلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش›› چىقاردى.

  ‹‹ئۇقتۇرۇش›› تا، ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغات بېرىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ – ئىچىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش ۋە راھەت – پاراغەتكە بېرىلىش، ئىسراپخورلۇق قىلىش قاتارلىق ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي چەكلەش تەلەپ قىلىندى. ئۇقتۇرۇشتا يەنە: ھەر مىللەت ئاممىنىڭ نازارەت قىلىشقا قاتنىشىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە – ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلار ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمى ۋە قۇربان ھېيت مەزگىلىدىكى ئالاقىدار تەلەپلەرگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى ئەينەن پاش قىلىشى قارشى ئېلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئامما پاش قىلغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەم قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  پاش قىلىش تېلېفون نومۇرى: 12388 – 0991

  پاش قىلىش تور ئادرېسى:

  xinjiang.12388.gov.cn//: http

  پوچتىدىن ئەۋەتىش ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى شەرق شامىلى يولى 10 – نومۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە ئىستىلى خىزمىتى ئىشخانىسى

  پوچتا نومۇرى: 830002

  مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر