- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئامېرىكا تاقىۋەتكەن ئەلچىخانىسىنىڭ 18 نى قايتىدىن ئاچتى
2013.08.12 16:13 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 9-ئاۋغۇست، ئۆتكەن بىر ھەپتىدە ئىزچىل تۈردە تاقاق تۇرۇلغان ئامېرىكىنىڭ 19 دۆلەتتە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئىچىدىكى 18نى 11-ئاۋغۇستتىن باشلاپ قايتىدىن ئېچىۋەتتى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى بۇ ئىش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بازا تەشكىلاتى ئەرەب يېرىم ئارال شۆبىسىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم قوزغاش ئېھتىماللىقىنىڭ داۋاملىق مەۋجۇتلۇقىدىن ئەندىشە قىلغانلىقتىن، ئامېرىكا يەمەندە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنى داۋاملىق تاقايدۇ.
ئامېرىكا 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، 4-ئاۋغۇست ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدا تۇرۇشلۇق 22 ئەلچىخانىسىنى ۋاقتىنچە تاقىدى. تەڭشىگەندىن كېيىن، 10 كونسۇلخانىسىنىڭ تاقاش ۋاقتىنى 10- ئاۋغۇستقىچە ئۇزارتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل