باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە جەبىلتارىق ماجىراسى توغرىسىدا قانۇنىي ھەرىكەت قوللانماقچى بولۇۋاتىدۇ

2013.08.13 15:41         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە بىلەن ئىسپانىيىنىڭ جەبىلتارىق توغرىسىدىكى تالاش – تارتىشى كۈنسايىن كەسكىنلەشكەن. ئەنگلىيە 12 – ئاۋغۇست: ئىسپانىيەنىڭ جەبىلتارىق چېگراسىدا قاتتىق تەكشۈرۈش تەدبىرى قوللانغانلىقىغا قانۇنىي ھەرىكەت قوللىنىشنى ئويلاشتۇق، دېگەن. ئىسپانىيە: ب د ت ياكى خەلقئارا سوتقا بۇ تالاش – تارتىشنى ھەل قىلىپ بېرىشنى مۇراجىئەت قىلىمىز، دېگەن.

  ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرۇننىڭ باياناتچىسى 12 – ئاۋغۇست: ئىسپانىيە ئەسكەرلىرى قاتتىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى ئىجرا قىلغاچقا، ئىسپانىيە بىلەن جەبىلتارىق چېگراسىدا قاتناش بىر نەچچە سائەت توسۇلۇپ قالدى، بۇ ‹‹سىياسىي غەرەز يوشۇرۇنغان قاملاشمىغان ھەرىكەت››، دېدى. ئىسپانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: ب د ت ياكى گائاگا خەلقئارا سوت مەھكىمىسى قاتارلىق خەلقئارا ئاپپاراتلارغا جەبىلتارىق توغرىسىدىكى تالاش – تارتىشنى ھەل قىلىپ بېرىشنى مۇراجىئەت قىلىمىز.

  ئەنگلىيە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، 12 – ئاۋغۇست ئوتتۇرا دېڭىزغا بىر نەچچە ھەربىي پاراخوت ئەۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل