- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋازارىتى ياپونىيە–جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى
2013.08.13 15:51 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋازارىتىنىڭ باياناتچىسى ساتو بۈگۈن ‹‹جۇڭگو – ياپونىيە تىنچلىق، دوستلۇق شەرتنامىسى›› ئىمزالانغانلىقىنىڭ 35 يىللىقى توغرىسىدا سۆز قىلىپ: ياپونىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېدى.
ساتو مۇنداق دېدى: ياپونىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتى ھەرئىككىلا تەرەپ ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرى، ‹‹ياپونىيە – جۇڭگو تىنچلىق، دوستلۇق شەرتنامىسى›› قاتارلىق تۆت ئاساسىي ھۆججەتنىڭ پىرىنسىپلىرى ۋە روھىغا ئاساسەن، ياپونىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ياپونىيە بىلەن جۇڭگو، شۇنداقلا رايون ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل