- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مورسىنى تۇتۇپ تۇرۇش ۋاقتى 15 كۈن ئۇزارتىلدى
2013.08.13 15:42 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹ئەل ئېھرام گېزىتى›› تور پونكىتىنىڭ 12 – ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە: زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئېلىۋېتىلگەن مورسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇش ۋاقتى 15 كۈن ئۇزارتىلدى، دېيىلدى.
خەۋەردە مىسىر ئەدلىيە تارمىقىنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: مورسى پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس)گە مۇناسىۋەتلىك جاسۇسلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغاچقا، داۋاملىق تەكشۈرۈلىدۇ ھەم ئۇنى تۇتۇپ تۇرۇش ۋاقتى 15 كۈن ئۇزارتىلىدۇ. لېكىن، مورسى دېلوسىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل سودىيە ھەسەن سەمىر بۇ توغرىسىدا سۆز قىلمىدى.
شۇ كۈنى مورسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى قاھىرە شەھەر مەركىزى، شۇنداقلا بەزى ئۆلكىلەردە داۋاملىق نامايىش قىلىپ، مورسىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل