باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مارالبېشى ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ‹‹23–ئاپرېل›› زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىغا 1 –سوتتا ئوچۇق سوت ئېچىلىپ، ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

2013.08.13 15:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بەش جىنايەتچى قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرىدى
  قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 12–ئاۋغۇست مارالبېشى ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ‹‹23–ئاپرېل›› زوراۋانلىق ، تېررورلۇق دېلوسىدىكى مۇسا ھەسەن قاتارلىق بەش جىنايەتچىنى 1–سوتتا ئوچۇق سوتلىدى ھەم ئۇلارغا ھۆكۈم ئېلان قىلدى، جاۋابكار مۇسا ھەسەن تېررورچىلار تەشكىلاتى تەشكىللەش ، رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى ، قانۇنسىز پارتلىتىش بۇيۇمى ياساش جىنايىتى ، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى قاتارلىق بىرنەچچە جىنايەت ئۆتكۈزگەن ، جىنايەتلىرى قوشۇپ جازالىنىپ ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى ؛ جاۋابكار راخمان غوپۇر تېررورچىلار تەشكىلاتىغا قاتنىشىش جىنايىتى ، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى قاتارلىق بىرنەچچە جىنايەت ئۆتكۈزگەن ، جىنايەتلىرى قوشۇپ جازالىنىپ ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى ؛ جاۋابكار بەكرى ۋەلى تېررورچىلار تەشكىلاتىغا قاتنىشىش جىنايىتى ، قانۇنسىز پارتلىتىش بۇيۇمى ياساش جىنايىتى قاتارلىق بىرنەچچە جىنايەت ئۆتكۈزگەن، جىنايەتلىرى قوشۇپ جازالىنىپ ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى ؛ جاۋابكار ئوسمان مەمەت ، تايىر ئوبۇل تېررورچىلار تەشكىلاتىغا قاتنىشىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن ، ئۇلارغا توققۇز يىل ئالتە ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۈچ يىل مەھرۇم قىلىش ۋە توققۇز يىللىق قاماق جازاسى ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۈچ يىل مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلدى .

  سوتتا قاراپ چىقىش ئارقىلىق مۇنۇلار ئېنىقلاندى : 2008–يىلى 3–ئايدىن بۇيان ، مۇسا ھەسەن قاتارلىق بەش جاۋابكار زوراۋانلىق ، تېررورچىلار شايكىسى ئەزالىرى قاسىم مەمەت قاتارلىقلار بىلەن كۆپ قېتىم دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىدىغان قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ، چېگرا سىرتىدىكى تېررورچىلار تەشكىلاتىنىڭ زوراۋانلىق ، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قۇتراتقۇلۇق قىلىش مەزمۇنىدىكى ئۈن–سىن بۇيۇملىرىنى ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن ، زوراۋانلىق ، تېررورلۇق ھەرىكىتى قوزغاش ئۈچۈن دىنىي ئەسەبىيلىك ، زوراۋانلىق ، تېررورلۇق ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىدىغان نۇرغۇن ئەكسىيەتچىل كىتابلارنى بېسىپ ، قورال–جابدۇقلارنى سېتىۋېلىپ زوراۋانلىق ، تېررورلۇق مەشىقى قىلغان ، قىڭراق قاتارلىق قاتىللىق قوراللىرى ۋە تېررورلۇق ھەرىكىتىدە ئىشلىتىدىغان بايراق ۋە بەلگە ياسىغان ، كۆپ مىقداردا پارتلىتىش بۇيۇمى ياساش خام ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىپ ، ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ ئون پارتلىتىش قۇرۇلمىسى ياسىغان ھەم سىناق تەرىقىسىدە پارتلاتقان .

  قاسىم مەمەت ، جاۋابكار مۇسا ھەسەن 2013–يىلى 8–مارت زوراۋان ، تېررورچىلار تەشكىلاتى قۇرغان ، قاسىم مەمەت ئاساسلىق كاتتىبېشى بولغان ، جاۋابكار مۇسا ھەسەن پارتلىتىش قۇرۇلمىسى ۋە دېلو تۇغدۇرۇش قوراللىرىنى ياساشقا مەسئۇل بولغان ، جاۋابكار بەكرى ۋەلى پارتلىتىش بۇيۇمى ياساش خام ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل بولغان . شۇنىڭدىن كېيىن جاۋابكار مۇسا ھەسەن قاسىم مەمەت بىلەن بىرلىشىپ جاۋابكار ئوسمان مەمەت ۋە تايىر ئوبۇل قاتارلىق تېررورچىلار تەشكىلاتى ئەزالىرىنى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇش ، زوراۋانلىق ، تېررورلۇق مەشىقى قىلىش ۋە پارتلىتىش بۇيۇمى ياساش ، سىناق تەرىقىسىدە پارتلىتىش ھەم مەشىق جەريانىنى سىنغا ئېلىپ خاتىرىلەشكە كۆپ قېتىم تەشكىللىگەن .

  23–ئاپرېل ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 11 ئەتراپىدا مارالبېشى ناھىيەسى سېرىقبۇيا بازارلىق ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى ھەمەللە خىزمەتچىلىرى بىلەن بىللە بازاردىكى يېڭىبازار مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق سۇلتاننېسىپ تۇرادىن (ئايرىم دېلو ئېچىپ بىرتەرەپ قىلىندى ) نىڭ ئۆيىگە ئەھۋال ئىگىلەشكە بارغاندا ، ئۆيدىكى كىشىلەر ۋە بۇيۇملارنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئەھۋالنى ساقچىخانا ۋە مەھەللىگە دوكلات قىلغان . تېررورچىلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ھەبىبۇللا بارات پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يوشۇرۇنچە قېچىپ چىقىپ قاسىم مەمەت قاتارلىقلارغا خەۋەر قىلغان . سېرىقبۇيا بازارلىق ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى رېن چاڭجۈ ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرى دوكلاتنى تاپشۇرۇۋېلىپ نەق مەيدانغا بېرىپ ، ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلغان . قاسىم مەمەت ، جاۋابكار مۇسا ھەسەن قاتارلىقلار جىنايىتىنىڭ ئاشكارىلىنپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، جاۋابكار راخمان غوپۇر قاتارلىقلارنى باشلاپ، قوللىرىغا قاتىللىق قوراللىرىنى ئېلىپ ، سۇلتاننېسىپ تۇرادىننىڭ ھويلىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ ، ھويلىدىكى تېررورچىلار تەشكىلاتى ئەزالىرى بىلەن بىللە نەق مەيداندىكى ساقچىلار ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرىنى غالجىرلارچە چېپىپ ، ئۈچ ئايال مەھەللە خىزمەتچىسىنى ئۆلتۈرگەن ھەم رېن چاڭجۈ قاتارلىقلارنى ھويلىدىكى بىر ئۆيگە كىرىشكە قىستىغان . جاۋابكار مۇسا ھەسەن تېررورچىلار تەشكىلاتىنىڭ باشقا ئەزالىرى بىلەن بۇ ئۆيگە بېنزىن چېچىپ ئوت قويۇپ ، رېن چاڭجۈ قاتارلىق توققۇز ساقچى ۋە مەھەللە خىزمەتچىسىنىڭ كۆيۈپ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان .

  ئارقىدىن جاۋابكار مۇسا ھەسەن باشقا تېررورچىلار بىلەن بىللە ھويلىدىن ئېتىلىپ چىقىپ ، قوللىرىغا قىڭراق ئېلىپ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشقا كەلگەنلەرنى چېپىپ ، ساقچىخانىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى مەمتىمىن ئوبۇلنىڭ شۇ يەردە قازا قىلىشى ، بىر ساقچى ياردەمچىسىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەبچى بولغان ھەم ئەتراپقا توختىتىپ قويۇلغان ئۈچ ئاپتوموبىلنى بۇزۇۋەتكەن . كېيىن قاسىم مەمەت قاتارلىق زوراۋانلار پالتا ، قىڭراق قاتارلىق قاتىللىق قوراللىرىنى ئېلىپ سودا بازىرىغا بېسىپ كىرىپ ، ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشقا كەلگەن ساقچىخانىنىڭ ساقچىلىرى ۋە بازارلىق ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى چېپىپ ، ئىككى كىشىنى ئېغىر يارىلاندۇرغان (قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان ) . كېيىن قاسىم مەمەت قاتارلىقلار يەنە سېرىقبۇيا بازارلىق ساقچىخانىغا باستۇرۇپ كىرىپ ئوت قويغان . قاسىم مەمەت قاتارلىق ئالتە زوراۋان قاتىللىق قىلىش ، ئوت قويۇش جەريانىدا نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ، ھەبىبۇللا بارات نەق مەيداندا يارىلاندۇرۇلۇپ ، قولغا چۈشكەندىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەن . شۇ كۈنى كەچتە جاۋابكار ئوسمان مەمەت باشقىلار بىلەن بىللە مەزكۇر تەشكىلات يوشۇرۇپ قويغان پارتلاتقۇچ ياسايدىغان بۇيۇملارنى يۆتكىۋەتكەن . ‹‹ 23–ئاپرېل ›› زوراۋانلىق ، تېررورلۇق ۋەقەسىدە ساقچى ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرى بولۇپ جەمئىي 15 كىشى قازا قىلغان ، ئۈچى يارىلانغان ۋە مال – مۈلۈك ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان .

  يۇقىرىقى جىنايەت پاكىتلىرىنىڭ نەق مەيداندىن تېپىلغان قاتىللىق قوراللىرى ، پارتلىتىش بۇيۇملىرى ۋە پارتلىتىش بۇيۇملىرى ياساش خام ماتېرىياللىرى قاتارلىق ماددىي ئىسپات ، يازما ئىسپات ، شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ بايانى ، باھالاش پىكرى ، نەق مەيداننى ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى ، ئۈن–سىن ماتېرىياللىرى قاتارلىق دەلىل–ئىسپاتلىرى بولۇپ ، بەش جاۋابكار يۇقىرىقى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئەينەن ئىقرار قىلدى .

  سوتتا قاراپ چىقىلىپ مۇنداق قارالدى : مۇسا ھەسەن قاتارلىق بەش جاۋابكار كۆپ قېتىم قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ، زوراۋانلىق ، تېررورلۇق مەزمۇنىدىكى ئۈن–سىن ماتېرىياللىرىنى ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن ، تېررورلۇق تەشكىلاتىنى پائال تەشكىللىگەن ، رەھبەرلىك قىلغان ۋە قاتناشقان ، زوراۋانلىق ، تېررورلۇق مەشىقى قىلغان ، پارتلىتىش بۇيۇمى ، تىغلىق ئەسۋاب قاتارلىق قاتىللىق قوراللىرىنى ياساپ ، زوراۋانلىق ، تېررورلۇق ھەرىكىتىنى پىلانلىغان ۋە قىلغان . ئۇلارنىڭ جىنايى ھەرىكىتى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ، باشقا تېررورچىلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ، ساقچىلار ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرىنى ئۆلتۈرگەن . ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئىنتايىن قەبىھ ، رەزىل ، ئاقىۋىتى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ ، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىشى كېرەك . شۇڭا قانۇن بويىچە يۇقىرىقىدەك ھۆكۈم چىقىرىلدى .

  سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا جاۋابكارلارنىڭ ئۆز تىل–يېزىقىدا دەۋا قىلىش ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىندى، جاۋابكارلارنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتى سوتقا چىقىپ ئۇلارنى ئاقلىدى ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئامما سوت ئېچىپ سوراق قىلىشنى سىرتتىن ئاڭلىدى .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل