باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىدىن ھال سورىدى

2013.08.12 17:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 12-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاۋغۇست ئافغانىستان ھۆكۈمىتى 8-ئاۋغۇست زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىدىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم پۈتۈن كۈچى بىلەن دېلونى پاش قىلىپ، ئافغانىستاندىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنى قوغدايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، جۇڭگونىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئۈچ جۇڭگو پۇقراسىنىڭ 8-ئاۋغۇست ئافغانىستاننىڭ كابۇلدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى، قالغان ئىككى كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، 5 كىشىنىڭ ھەممىسىلا ئافغانىستاندا يەككە تېجارەتچىلىك قىلىدىغانلىقىنى دەلىللىدى. يوقاپ كەتكەنلەردىن بىرى كېيىن ئوڭۇشلۇق قۇتۇلۇپ چىقىپ، ئەلچىخانا تەرىپىدىن بىخەتەر جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، يوقاپ كەتكەن يەنە بىر كىشى ھازىرغىچە تېپىلمىغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى