خەلق تورىنىڭ 13-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى، ھىندىستاننىڭ تۇنجى ئۆزى ياسىغان «ۋىكلەنت» ناملىق ئاۋىئاماتكىسى ھىندىستان كوچېن پاراخوت زاۋۇتىدا رەسمىي چۈشۈرۈلدى. ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرى ئانتوني ئاۋىئاماتكىنى سۇغا چۈشۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، سۇ چىقىرىش مىقدارى 40 مىڭ تونناژلىق بۇ ئاۋىئاماتكا 2009-يىلى ياسىلىشقا باشلىغان. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 260 مېتىر، كەڭلىكى 60 مېتىر، ئەڭ تېز سائەتلىك سۈرئىتى 28 مىلد، داۋاملىق يۈرۈش كۈچى 8000 دېڭىز مىلىغا يېتىدۇ. «ۋىكلەنت»ناملىق ئاۋىئاماتكىنىڭ ئۇچۇش پالۇبىسىغا 19 ھەربىي ئايروپىلان سىغىدۇ. پاراخوت ئىسكىلاتىدىكى بوشلۇققا يەنە 17 كۈرەشچى ئايروپىلان سىغىدۇ.
ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى روبىن.دۇۋان ئاۋىئاماتكا سۇغا چۈشۈرۈلگەندە قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ %83 تى ۋە ياساش قۇرۇلۇشىنىڭ %75 تىنىڭ پۈتۈپ بولغانلىقىنى، لېكىن «ۋېكلەنت» ناملىق ئاۋىئاماتكىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزمۇنى بولغان پاراخوت ئارىلى قاتارلىقلارنىڭ يەنىلا كەم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.