خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيەلىك داڭلىق ئارتېس لى بيۇڭخۇن بىلەن ئى مىنزېڭ 11-ئاۋغۇست كورېيە پايتەختى سېئۇلدىكى خيات مېھمانسارىيىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئىككەيلەن قول تۇتۇشۇپ مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈپ، تويلۇق تەسىرات سۆزلىدى.