- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئوباما ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە «قايتىدىن قاراپ چىقىش ۋە توغۇرلاش»نى ئېيتتى
2013.08.12 17:51 مەنبە: خەلق تورى
ئامېرىكا-رۇسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىرىنىڭ «2+2» سۆھبەت يىغىنى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ۋاشىنگتوندا ئېچىلدى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى كېررىي بىلەن دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرى خاگېل ۋە رۇسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ يىغىنغا قاتناشتى. بۇ 2008-يىل 3-ئايدىن بۇيان ئامېرىكا-رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى دۆلەت مىنىستىر دەرىجىلىك سۆھبەت يىغىنىنىڭ تۇنجى قېتىم ئەسلىگە كېلىشى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنى 4 سائەت داۋاملاشتى. سۆھبەت ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملۇق، باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش، سىياسىي-ھەربىي ئىشلاردىكى ھەمكارلىق ۋە سۈرىيە، ئافغانىستان، ئىران ۋە چاۋشيەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلار بىخەتەرلىك مەسىلىسى قاتارلىق مەزمۇنلارغا چېتىلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى