- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئاپتونوم رايونىمىز تەپتىش ئەمەلدارلىرىنى ئاشكارا تاللايدۇ
2013.08.13 15:38 مەنبە: خەلق تورى
9-ئاۋغۇست ئېچىلغان شىنجاڭنىڭ تەپتىش ئورگانلىرى قوشۇن قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىز ئەدلىيە ئورگانلىرى ، قانۇن مۇتەخەسسىس-ئالىملىرى ، ئادۋوكات خىزمەتچىلىرىدىن تەپتىش ئەمەلدارلىرىنى ئاشكارا تاللاپ ، تەپتىش قوشۇنىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇلىدۇ . بولۇپمۇ نامرات رايونلار ۋە شارائىتى جاپالىق رايونلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سالمىقىنى زورايتىلىپ ، مەسىلىلەر كۈچەپ ھەل قىلىنىدۇ .
ئىگىلىنىشىچە ، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى تەپتىش ئورگانلىرى جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ 1600 نەپەر مەمۇر قوبۇل قىلغان ، نىشانلىق نامرات رايونلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەپتىش مەھكىمىلىرىگە 160 نەپەر خادىم قوبۇل قىلىنغان ، بۇنىڭ بىلەن زور بىر تۈركۈم يۇقىرى مەلۇماتلىق خادىملار تەپتىش ئورگانلىرىغا كىرىپ ، ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ كەمچىل بولۇش مەسىلىسى زور دەرىجىدە پەسەيگەن ، تەپتىش خادىملىرىنىڭ قانۇن بىلىملىرى سەۋىيەسىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلگەن .
بۇنىڭدىن كېيىن ، ئاپتونوم رايون تەپتىش ئەمەلدارلىرىنى ئاشكارا تاللىغاندىن باشقا ، يەنە بىر تۈركۈم كۈچلۈك قانۇن نەزەرىيە ئاساسىغا ئىگە ، قانۇن ئىجرا قىلىش ، دېلو بېجىرىش ، ئىقتىدارىغا ئىگە مەخسۇس تەپتىش ئىختىساسلىق خادىملىرىنى تەربىيەلەپ چىقىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل