باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى، ھەرقايسى مەكتەپلەر ئەرزان باھالىق قورۇما ۋە ھەقسىز شورپا بىلەن تەمىنلەيدۇ

2013.08.30 18:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2013-يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىش ھارپىسىدا، تۈنۈگۈن مائارىپ مىنىستىرلىقى جايلارنىڭ ئوقۇش باشلىغاندا سۆلەتۋازلىق قىلماسلىق، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئۆتكۈزۈش، مەكتەپ ئاشخانىلىرى بەلگىلىك مىقداردىكى ئەرزان باھالىق قورۇما ۋە ھەقسىز شورپا بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇش باشلىغاندا سۆلەتۋازلىق قىلماسلىق، ئىقتىسادچىللىقنى قەتئىي يولغا قويۇش، بارلىق ئىشلارنى ئىقتىسادچىللىق بىلەن بېجىرىش، زىيادە ئىسراپچىلىق قىلماسلىقنى تەلەپ قىلدى. ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى ئاساسىي قاتلام مەكتەپلىرىگە بولۇپمۇ ئاپەتكە ئۇچرىغان مەكتەپلەر، ئاساسى ئاجىز مەكتەپلەر، يېزا مەكتەپلىرى، دېھقان ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلەر مەكتىپى قاتارلىق مەكتەپلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى