- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئالىي مەكتەپكە تېخى قوبۇل قىلىنمىغانلار 29–ئاۋغۇست ئاخىرقى قېتىم توردا قايتا ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ
2013.08.28 16:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەريانىدىكى ئاخىرقى قېتىملىق توردا قايتا ئارزۇ تولدۇرۇش 29 – ئاۋغۇست ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 6 دە باشلىنىپ سائەت 18 دە ئاخىرلىشىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىمچە، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلى(ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە)دا ئىمتىھان بەرگەنلەر، موڭغۇل تىلىدا ئىمتىھان بەرگەنلەر، ‹‹قوش تىل›› سىنىپىدا ئوقۇغانلار ۋە خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىدىن تېخى قوبۇل قىلىنمىغانلار 29 – ئاۋغۇست شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (.edu.cn www.xjzs)دا ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) بويىچە ئورۇندالمىغان پىلانغا توردا قايتا ئارزۇ تولدۇرسا بولىدىكەن. بۇ، بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق توردا ئارزۇ قوبۇل قىلىشى ئىكەن. (ئەكبەر ئىسمائىل خەۋىرى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل