باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

ئۈرۈمچىدىكى 73-باشلانغۇچ مەكتىپى ئالدىدا ئاتا-ئانىلار كىچىچە ئۆچرەتتە تۇرۇپ، بالىلىرىنى تىزىملاتتى

2013.08.29 16:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككى سەپ بولۇپ تىزىلىپ، كىچىك ئورۇنداقلارنى بىر-بىرىگە چاپلاپ ئولتۇرغان ئاتا-ئانىلار 200 مېتردىن ئۇزۇن سەپ شەكىللەندۈرگەنىدى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەدىيالغان ئورۇنۇپ ئولتۇرسا، بەزىلىرى مۈگدەپ قالغانىدى. بەزى ئاتا-ئانىلار يوتقان-كۆرپىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا يېتىۋىلىشتى. بەزىلىرى بولسا 4-5 ى توپلىشىۋىلىپ، قارتا ئويناپ، ۋاقتىت ئۆتكۈزۈپ، تاڭ ئېتىشىنى كۈتمەكتە ئىدى. 8ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 73-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى تىزىمغا ئالىدىغان تۇنجى كۈن، بالىلىرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۈچۈن 400 دىن ئارتۇق ئاتا-ئانا مەكتەپ ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچىرەت تۇرۇشتى.

  ئۆچىرەتتە تۇرغانلارنىڭ كۆپى سىرتتىن كېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلار. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 73-باشلانغۇچ مەكتەپ داۋانگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردە شەخسىيلەر ئۆزى سېلىۋالغان ئۆيلەر بىر قەدەر كۆپ، ئىجارە ھەققى بىر قەدەر تۆۋەن بولغاچقا، سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ ئالدىن تاللىشىغا ئايلاندى. ئەمما سىرتتىن كېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئوقۇشى بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى.

  8-ئاينىڭ 24-كۈنى تاڭ سەھەر بىردە 39 ياشلىق تەن جىنپىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ كەينىدىكى كىشىلەر توپىغا بىر قاراپ، كۆڭلى بىر ئاز تىنغاندەك بولۇپ قالدى. ئۇ بىرىنچى يىللىققا تىزىملىتىدىغان ئاتا-ئانىلار ئارىسىدا بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، بۇ ئورۇن باشقا ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەم ھەۋىسىنى قوزغايدىغان ھەم ئىچى تارلىقىنى كەلتۈرىدىغان ئورۇن، ئەمما ئۇ يەنىلا خاتىرجەم بولالمايۋاتقان بولۇپ، بالىسىنىڭ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئاندىن كۆڭلى ئىزىغا چۈشىدىكەن.

  تاڭ جىنپىڭنىڭ يۇرتى سىچۈەندىن بولۇپ، ئۈرۈمچىگە كەلگىنىگە 18 يىل بولۇپتۇ. ھازىر ئايالى تاڭ خانىم بىلەن بىر تىككۈچىلىك دۇكىنىدا ئىشلەيدىكەن. قىزى شىڭشىڭ ئالتە ياشتىن ئاشقان بولۇپ، بۇلتۇر 73-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇغانىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇلتۇر مەكتەپكە تىزىملىتىش ئۈچۈن ئۆچىرەت تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنتۇق، شۇڭا بىرىنچى كۈنى ئۆچرەت تەگمەي، ئىككىنچى كۈنى تىزىملاش ئاخىرلىشاي دىگەندە شىڭشىڭنى ئاران تىزىمغا ئالدۇرغانىكەن. بېشىدىن تەجرىبە-ساۋاق ئۆتكەچكە، بۇ يىل 73-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى چىقىرىشى بىلەنلا، تەلەپ بويىچە بارلىق مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى تەييار قىلىپ ئۆچىرەت تۇرغانىكەن.

  23-چىسىلا چۈشتىن كېيىن سائەت 16 دە، تاڭ خانىم رۇخسەت سوراپ مەكتەپ ئالدىغا كېلىپ، مەكتەپ ئالدىغا ئىككى ئۈستەل تىزىپ قويۇلغانلىقىنى، بىرىگە «1-يىللىقنىڭ تىزىملاش ئورنى»، يەنە بىرىگە «تەييارلىق سىنىپنىڭ تىزىملاش ئورنى» دەپ يېزىپ قويۇلغانىكەن. ئۇ دەرھال ئۆيىگە قايتىپ كىچىك ئورۇندۇقتىن بىرنى ئەكىلىپ، «1-يىللىقنىڭ تىزىملاش ئورنى» دەپ يېزىلغان ئۈستەلگە چاپلىشىپ دىگۈدەك ئولتۇرۇپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىككى جوزىنىڭ ئالدىدا ئۆچىرەت تۇرغانلار ئۇزۇن سەپ شەكىللەندۈرۈپتۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار باشقىلارنىڭ دىققەت قىلمىغانلىقىتىن پايدىلىنىپ ئۆچىرەتنىڭ ئارىسىغا قىسىلىۋالغان بولسىمۇ، شۇ ھامان «قوغلىنىپ» كېتىدىكەن.

  تېلېفوندا تاڭ خانىم تەن جىنپىڭگە مۇنداق دېدى: «يېرىم كېچە 12 دە كېلىپ ‹ئىسمىنا› ئالمىشايلى، كىيىمنى قېلىنراق كىيىڭ، بۇ بىرىنچى ئۆچىرەتنى باشقىلارغا ھەرگىز تارتقۇزۇپ قويمايلى». يېرىم كېچە 12 دە تەن ئەپەندى دەل ۋاقتىدا يېتىپ كەلدى، ئۇ كېچىچە ئۆچىرەت تۇرۇشقا تولۇق تەييارلانغانىدى. ھالبۇكى ئۇنىڭ ئەتراپىدا «ئۇزۇنغىچە جەڭ قىلىش» قا تەييارلانغان ئاتا-ئانىلار كۆپ ئىدى: يۈ خۇڭ ئۆيىدىن ئەدىيال ئالغاچ كەلدى؛ ۋىي شۈييەن بورا تۆشەكنى ئېلىۋالدى؛ بەزى ئاتا-ئانىلار كومپىيوتېرىنى ئېلىۋالغان بولۇپ، بىر قانچىسى توپلىشىپ كىنو كۆرۈشكە باشلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل