باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

2013-يىللىق دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بېرىش ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

غەربىي قىسىمدىكى ئۆلكە-ئاپتونوم رايونلارنىڭ قەرز سوممىسى ئۆستۈرۈلدى

2013.08.30 18:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» گە ئاساسلانغاندا، ئالىي مەكتەپ چاقىرىقىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلىشىگە ئەگىشىپ، 2013-يىللىق دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بېرىش خىزمىتى يېقىندا مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. ئالدىنقى يىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، غەربىي قىسىمدىكى ئۆلكە-ئاپتونوم رايونلارنىڭ قەرز سوممىسى ئۆسكەن بولۇپ، بىرمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي سەۋەب تۈپەيلى ئوقۇشسىز قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىندىكەن.

  ئاۋۋال ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بېرىش باشلىنىدىكەن، ئۆز يۇرتىدا ئىناۋەتلىك ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى مىقدارىنىڭ 80 نەچچە پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. مۇخبىر ئىچكى موڭغۇل، گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي ۋە گۇيجوۋ قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتوننوم رايونلاردا ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىنىڭ ئالدىنقى يىلدىكىدىن خېلى زور ھەجىمدە ئاشقانلىقىنى، قەرز ئالىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ مۇناسىپ ھالدا كۆپەيگەنلىكىنى كۆردى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يوۋلىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

  بۇ يىل ئىچكى موڭغۇل ئالتە-يەتتە يۈز مىليون يۈەن دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۆلچەرلىدى، بۇ ئالدىنقى يىلدىكىدىن بىرئاز يۇقىرى. ئومۇمەن، بۇ يىل مەيلى ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىكى مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى بولسۇن ياكى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى بولسۇن، پەقەت ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولسىلا، ھەممىسى ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئېلىپ ئوڭۇشلۇق ئوقۇشقا كىرەلەيدۇ.

  بۇ يىل دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى يولغا قويغان ئۆز يۇرتىدا ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بېرىش تۈرىگە 12 مىليارد 700 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇردى، بۇ 2012-يىلدىكىدىن %5 ئارتۇق. بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن، خېيلۇڭجياڭ ۋە فۇجيەن قاتارلىق ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ يەرلىك بانكىلىرى ۋە ئامانەت-قەرز كوپىراتىپلىرى ئورۇنلاشتۇرغان ئۆز يۇرتىدا ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بېرىش مەبلىغىنىڭ 1 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى