باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>دۇنيادىكى دۆلەتلەر

رۇسىيەنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى

2013.09.05 08:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت نامى: رۇسىيە فېدېراتىسىيەسى، رۇسىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

  يەر كۆلىمى: 17 مىليۇن 75 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر

  نوپۇسى: 143 مىليۇن (2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە). رۇسىيەدە 193 مىللەت بولۇپ، رۇسلار %77.7 نى ئىگىلەيدۇ. ئاساسلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر تاتار، ئۇكرائىن، باشقىرت، چۇۋاش، چېچېن، ئەرمەن، ئاۋار، مولدوۋا، قازاق، ئەزەربەيجان، بېلورۇسىيە قاتارلىقلار، رۇس تىلى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى زېمىنىدا قوللىنىلىدىغان ھۆكۈمەت تىلى، ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت تىلىنى بەلگىلەش ھەم شۇ جۇمھۇرىيەت زېمىنى ئىچىدە شۇ تىلنى رۇس تىلى بىلەن بىللە قوللىنىش ھوقۇقى بار. ئاساسلىق دىنى پراۋوسلاۋىيە دىنى بولۇپ، ئىسلام دىنى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. پۈتۈن رۇسىيە خەلق رايى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، %50 ـ %53 رۇسىيە ئاممىسى پراۋوسلاۋىيە دىنىغا، %10 ئامما ئىسلام دىنىغا، %1 ئامما كاتولىك دىنىغا، %1 ئامما يەھۇدىي دىنىغا، %0.8 ئامما بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىكەن.

  پايتەختى: موسكۋا. 2012-يىلى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ كۆلەمنى كېڭەيتىش لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كۆلىمى 2510 كۋادرات كىلومېتىر بولغان. دائىمىي نوپۇسى 11 مىليۇن 540 مىڭ (2012-يىللىق رۇسىيە فېدېراتسىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئىستاتىستىكىلاپ چىققان سانلىق مەلۇمات). ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرا: 1-ئايدا نۆلدىن تۆۋەن 8 سېلسىيە گرادۇس، 7-ئايدا 21 سېلسىيە گرادۇس بولىدۇ

  دۆلەت باشلىقى: رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ پرىزدېنتى: ۋىلادىمىر ۋىلادىمىروۋىچ پۇتىن. 2013-يىلى 4-مارت پرىزدېنتلىققا سايلانغان. 7-ماي قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}