باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى، گوۋۇيۈەن مۇھاجىرلار ئىشلىرى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ-ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسى ۋە گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى بىرلىشىپ دۆلەت بايرىمى زىياپىتى ئۆتكۈزدى

يۈ جېڭشېڭ سۆز قىلدى

2013.09.30 14:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى، گوۋۇيۈەن مۇھاجىرلار ئىشلىرى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ-ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسى ۋە گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى بىرلىشىپ، 29-چېسلا كەچتە، خەلق سارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا دۆلەت بايرىمى زىياپىتى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ۋە مۇھاجىرلار قاتارلىق ھەر ساھەنىڭ 2800 نەپەردىن ئارتۇق ۋەكىلى بىلەن خۇشال-خۇرام جەم بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

  يۈ جېڭشېڭ زىياپەتتە سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، دۆلەت بايرىمى زىياپىتىگە قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق، تەيۋەنلىك ۋە چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلەك تىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 64 يىلنىڭ ئالدىدا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ، ئالغا بېسىشى ئۈچۈن يېڭى تارىخىي دەۋر ئېچىلدى. 35 يىلىنىڭ ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 11-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ تارىخىي يېڭى دەۋرى باشلاندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغ سەپىرىدە مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككۈدەك شانلىق مۇۋەپپەقيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. غەيرەت-شىجائەتكە تولغان جۇڭگو كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا، 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۆلەتنىڭ باي-قۇدرەتلىك بولۇشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە خەلقنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتەك گۈزەل ئارزۇ-ئىستەكلىرى بىلەن تىرىشىپ كۈرەش قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر