شىنخۇا تورى ، ئابۇجا ، 29-سېنتەبىر تېلېگراممىسى : نىگېرىيەنىڭ يوبې ئىشتاتىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېت 29- سېنتەبىر سەھەردە قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، ئاز دېگەندىمۇ 40 ئادەم قازا قىلغان .
يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، بۇ ئۇنىۋېرسىتېت يوبې ئىشتاتىنىڭ AncientRiba بازىرىدا بولۇپ ، شەھەر مەركىزى داماتۇلۇغا 50 كىلومېتىر كېلىدىكەن . شۇ كۈنى سەھەر سائەت 1:00 ئەتراپىدا ، بىر ئۇچۇم قوراللىق ئۇنسۇرلار مەكتەپكە بۆسۈپ كىرىپ ، ياتاقلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئوققا تۇتقان .
ۋەقە يۈز بەرگەندە ئوقۇغۇچىلار قاتتىق ئۇخلاۋاتقان بولغاچقا ، ھۇجۇمدا نۇرغۇن ئادەم قازا قىلغان . نىگېرىيە ھۆكۈمەت تەرەپ قازا قىلغانلارنىڭ سانىنى ئېلان قىلمىغان ، لېكىن دوختۇرخانا تەرەپتىن كەلگەن ئۇچۇردا ئېيتىلىشىچە ، ئاز دېگەندىمۇ 40 ئادەم قازا قىلغان .
نۆۋەتتە، ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخس بۇ تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتىمىغان ، لېكىن قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلام رادىكال تەشكىلات ‹‹BokoHaram ›› نىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىكەن . بۇ يىل 6-ئايدا ۋە 7-ئايدا، ‹‹ ‹‹BokoHaram ››تەشكىلاتى قوراللىق ئۇنسۇرلىرى ئايرىم–ئايرىم ھالدا يوبې ئىشاتىدىكى ئىككى مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ ، ئون نەچچە ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن .
‹‹BokoHaram ›› تەشكىلاتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، نۇرغۇن قېتىم نىگېرىيەنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى تۇغدۇرغان . نىگېرىيە زۇڭتۇڭى Jonathan بۇ يىل 5-ئايدا شىمالىدىكى Borno ئىشتاتى ، يوبې ئىشتاتى ۋەAdamawaئىشتاتىنىڭ جىددىي ھالەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان .