- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئاپتونوم رايونىمىزدا 44 تۈرلۈك مەمۇرىي-كەسپىي ھەقلەر بىكار قىلىندى
2013.09.30 16:11 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ئىگىلىنىشىچە ، يېقىندا ، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى بىرلىكتە ‹‹قىسمەن مەمۇرىي-كەسپىي ھەقلەرنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى تارقاتقان . بۇ ئۇقتۇرۇش 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇپ ، ئاپتونوم رايوندىكى 25 تارماقنىڭ 44 تۈرلۈك مەمۇرىي-كەسپىي ھەقلىرى بىكار قىلىنىدىكەن . بۇ قېتىم بىكار قىلىنىدىغان ھەق ئېلىش تۈرلىرى ئاپتونوم رايون تەسىس قىلغان ھەق ئېلىش تۈرلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ ، ھەر يىلى كارخانا ۋە جەمئىيەت زىممىسىگە ئالغان تەخمىنەن 95 مىليون يۈەننى ئازايتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، بۇ قېتىم بىكار قىلىنغان مەمۇرىي-كەسپىي ھەق ئېلىش تۈرلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ، سوت ، ئەدلىيە ، تاشقى ئىشلار ، تاشقى سودا ، مالىيە ، پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق 25 تارماققا چېتىلىدىكەن . ھەرقايسى كەسپىي تارماقلارغا چېتىلىدىغان مەمۇرىي-كەسپىي ھەق ئېلىش تۈرلىرىدىن مۇلازىمەت ھەققى ، باھالاش ھەققى ، تىزىملاش ھەققى ، دەپتەر ھەققى، بېجىرىش ھەققى ، تەكشۈرۈش ھەققى قاتارلىقلار بىكار قىلىنغاندىن باشقا ، بىر قىسىملىرىنىڭ قاپلاش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيگەن ، قاتلىمى تېخىمۇ كۆپ ھەق ئېلىش تۈرلىرىگە چېتىلغان . مەسىلەن : مائارىپ تارماقلىرىنىڭ قوبۇل قىلىش ھەققى ، بالىلارنىڭ كومپيۇتېر تەربىيەلەش ھەققى ۋە ئىمتىھان ھەققى ، قاتناش تارماقلىرىنىڭ قاتناش گۇۋاھنامىسى ھەققى ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەش ، باشقۇرۇش ھەققى ، دېھقانچىلىق تارماقلىرىنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ئىگىلىك باشقۇرۇش كىنىشكىسى ھەققى ، سۈپەت نازارەتچىلىكى تارماقلىرىنىڭ قوغۇن-تاۋۇز قاتارلىق خەمەكلەرنى شىنجاڭدىن سىرتقا يۆتكەشتىكى تەكشۈرۈش ھەققى ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كىنىشكىسى ھەققى قاتارلىق ھەقلەرنى بىكار قىلىش قاتارلىقلار .
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر