باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئاپتونوم رايونىمىزدىن 80 نەپەر ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىدۇ

2013.09.30 16:13         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 29-سېنتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە ، بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇش ئىنىستىتۇتى ، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئۇچۇش ئىنىستىتۇتى 2014-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئۇچۇش تېخنىكىسى كەسپى (تولۇق كۇرس)گە 80 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن . تىزىملاش خىزمىتى 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن .

  خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ 2014-يىلى شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئوبيېكتى ۋە ئاساسىي شەرتلىرى : 2014-يىللىق مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتناشقان ھەمدە خەنزۇ تىلىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى بويىچە ئىمتىھانغا تىزىملاتقان ، ئىجتىمائىي پەن ، تەبىئىي پەن بويىچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار بولۇش ، مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى تىزىملاش شەرتىگە ماس كېلىدىغان بولۇش ، يېشى 16 دىن 20 گىچە (يەنى 1994-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 1998-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا تۇغۇلغانلار) بولۇش ، توي قىلمىغان بولۇش قاتارلىقلار .

  تىزىملايدىغان نۇقتىلار : ئۈرۈمچى ، سانجى ، شىخەنزە ، كۈيتۈن ، قاراماي ، بورتالا ، غۇلجا ، چۆچەك ، ئالتاي ، كورلا، ئاقسۇ ، قومۇل قاتارلىق جايلار ، يۇقىرىقى جايلاردىن باشقا جايدىكىلەر جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتى ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىپ تىزىملاتسا بولىدۇ .

  تېلېفون نومۇرى: 3806952، 3804016-0991، 15199166952

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر