باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما بىلەن رۇھانى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدە تۇنجى قېتىم تېلېفونلاشتى

2013.09.30 15:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 27-سېنتەبىر ئۆزىنىڭ شۇ كۈنى ئىران پىرېزىدېنتى رۇھانى بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەمدە يېقىنقى مەزگىللىك تەرەققىياتى توغرىسىدا تېلېفونلاشقانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇ ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئۈزۈلگەن 30 نەچچە يىلدىن بۇيان ئىككى دۆلەت پىرېزىدېنتىنىڭ تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىشى.

  ئوباما مۇنداق دېدى: ئىككىيلەن ئاساسلىقى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا يېقىنقى مەزگىلدىكى ئەڭ يېڭى دىپلوماتىيە تىرىشچانلىقىنى مۇزاكىرە قىلدۇق. گەرچە توسالغۇلار كۆپ بولسىمۇ، مەن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  ئوباما مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ، فرانسىيە، گېرمانىيە، رۇسىيە، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە خادىملىرى ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف بىلەن ئىجابىي مۇھاكىمە ئېلىپ باردى، تېزدىن كېلىشىم ھال قىلىش ئۈچۈن، شەخسەن مەنمۇ رۇھانى بىلەن تېلېفوندا ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە ئۆمىكىنى ئەۋەتىپ باشقا ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر