باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى ھەققىدە خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى

2013.09.30 14:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 29-سېنتەبىر جۇڭگو، چەتئەل تاراتقۇلىرىغا خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پات ئارىدا ھىندونېزىيە، مالايسىيادا زىيارەتتە بولۇش ھەمدە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 21-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھىندونېزىيە بىلەن مالايسىيا جۇڭگونىڭ دوست قوشنىسى ۋە شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئەزالىرى، رەئىس شى جىنپىڭ ھىندونېزىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە پرېزىدېنت سۇسىللو بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ ھەمدە سودا چۈشلۈك زىياپىتىگە قاتنىشىدۇ، مۇئاۋىن پرېزىدېنت بۇدىئونو ۋە پارلامېنتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ يەنە ھىندونېزىيە پارلامېنتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن نۇتۇق سۆزلەيدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ مالايسىيادا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە ئالىي رەھبەر ھەلىم بىلەن كۆرۈشىدۇ، باش مىنىستىر نەجىب بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ ھەمدە ئىقتىساد باشلىقلار يىغىنىغا بىرلىكتە قاتنىشىدۇ. رەئىس شى جىنىپىڭ ئىككى دۆلەتتە زىيارەتتە بولغان مەزگىلىدە ئىككى تەرەپ ئىقتىساد سودا، ئاۋىياتسىيە، پەن-تېخنىكا، بېلىقچىلىق قاتارلىق ساھەلەردە بىر قاتارلىق ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالايدۇ.

  رەئىس شى جىنىپىڭ يەنە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 21-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. «ھاياتى كۈچكە تولغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى، يەر شارىغا باشلامچى بولۇش» بۇ يىللىق يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسى بولىدۇ. ئاساسلىق يىغىن قارالمىلىرى ماۋۋۇ نىشانى، ئىمكانىيەتلىك ۋە ئادىل ئېشىش، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئۆز-ئارا ئالاقە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىقلار. جۇڭگو بۇ يىللىق يىغىندا ئىجابىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلىشىگە مەدەت بېرىدۇ، بۇ نۆۋەتلىك يىغىننىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ يەر شارى ئىقتىسادى قايتا گۈللىنىش داۋامىدا باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مۇنداق ئۈچ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ: 1-، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىش. 2-، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادى ۋەزىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى نۇرىنىڭ ئىجابىي سىگنالىنى سىرتقا قويۇۋېتىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتۇش. 3-، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىگە مەدەت بېرىپ، رايونلارنىڭ ئەركىن سودا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئۆز ئارا ئالاقە قىلىشى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ ئىجابىي ئەمەلىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر