باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدىكى ياخشى كادىر لەن خۇيدىن ئۆگىنىش يوليورۇقىنى بەردى

2013.09.30 15:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىكى ياخشى كادىر يولداش لەن خۇيدىن ئۆگىنىشكە چاقىردى.

  يولداش لەن خۇي ھايات ۋاقتىدا سىچۈەن ئۆلكىسى بېيچۈەن چياڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ئىدى. بۇ يىل 23-ماي ئۇ يېزا-بازار تاشيولى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈۋاتقاندا بەختكە قارشى ياردىن غۇلاپ كېتىپ، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان.

  شى جىنپىڭ يوليورۇقىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يولداش لەن خۇي پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرىنى باشتىن-ئاخىر قەلبىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويغان بولۇپ، ھاياتى بىلەن پارتىيەنىڭ لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن ياخشى كادىر، يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلارنىڭ ئۈلگىسى ئىدى. پارتىيەلىك كادىرلار ئۇنىڭ قەتئىي ئېتىقادى، پارتىيەگە سادىق بولغان سىياسىي پەزىلىتى، رىشتىنى ئاممىغا باغلاپ، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىن ئىبارەت خەلق چاكىرىلىق ئېڭى، ئۆزىنى ئۇنتۇپ ئىشلەش، ئەمەلىي ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت كەسپىي روھى، ئۆز نەپسىدىن كېچىپ، ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەش، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىشتىن ئىبارەت ئالىيجاناب پەزىلىتىدىن ئۆگىنىپ، باش مەقسەت ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئاڭلىق ھالدا خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي، پاك ئىشلەپ، ئۈلگىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىيەت، خەلق، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى ئۆزلۈكسىز يارىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر