باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت نىڭ قۇملىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش يىغىنى يېپىلدى

2013.09.30 15:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككى ھەپتە داۋاملاشقان«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇملىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئەھدىنامىسى»نىڭ 11-قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزگۈچىلەر يىغىنى تۆنۈگۈن نامبىيەنىڭ پايتەختى ۋېندىخوكتا يېپىلدى. يىغىندا «ئەھدىنامە»نى ئىجرا قىلىش كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە 2012-يىللىق «رىئودى ژانىيرو بىلەن 20 دۆلەت» باشلىقلار يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «يەرنىڭ قۇملىشىپ كېتىشىنى توسۇش» دۇنيا ئارزۇسى ھەققىدە بەلگىلىك بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

  پات ئارىدا دەم ئېلىشقا چىقىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇملىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئەھدىنامىسى كاتىۋات باشقارمىسىنىڭ ئىجرائىيە كاتىپى رۈك نىياكاجا مۇنداق دېدى: يىغىندا بىر يۈرۈش ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، «ئەھدىنامە»نىڭ قۇملىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ساھەسىدىكى ئىلمىي نوپۇزىنى كۈچەيتىپ، يەرنىڭ قۇملىشىپ كېتىشىنى توسۇش دۇنيا ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش قارار قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر