باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نىڭشيا ئالاھىدە ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى دەرسى ئۆتتى

2013.09.30 14:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  22-سېنتەبىردىن 28-سېنتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلگەن نىڭشيانىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە كەسپىي تەرەققىيات ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلەر نەق مەيدان ئالماشتۇرۇش كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنىدا ئىستىل يېڭىچە بولدى، كادىرلار ۋە ئامما بۇ جانلىق ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى دەرسلىكى بولدى، دېيىشتى.

  كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشقان ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلاردىن كاتىپ ۋە خادىملارنى بىردەك ئېلىپ كەلمەسلىكنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى لى جيەنخۇا، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى لىيۇ خۇي ۋە يۈزدىن ئارتۇق رەھبىرى كادىر ئۈچ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ تۆۋەنگە بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى.

  قۇرغاق ھۆل يېغىن ئاز بولىدۇ دەپ ئاتىلىدىغان نىڭشيانىڭ شىخەيگۇ 9-ئايدا تەس بولغان يامغۇر پەسلىنى كۈتۈۋالدى، كۆزدىن كۆچۈرۈشكە قاتناشقان بارلىق كادىرلار يامغۇرغا قارىماي ئېكسكۇرسىيە قىلدى، نەق مەيداندا چۈشەندۈرۈشلەرنى ئاڭلىدى، ئۇلارنىڭ كىيىملىرى يامغۇردا ھۆل بولۇپ كەتتى. شەھەرلىك پارتكومنىڭ بىر ئاساسلىق مەسئۇلى خىزمەتلەردىن دوكلات بەرگەندە ئەمدىلا تەشەككۈر سۆزلىرىنى ئېيتىشى بىلەن، لى جيەنخۇا ئۇنىڭ گېپى بۆلۈپ: بۇنداق گەپلەرنى قىلمايلا قويۇڭ، مۇھىم نۇقتىنى، قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكىڭلارنى، قانداق قىيىنچىلىق بارلىقىنى ئېيتىڭ، دېدى. دوكلات ئاددىي بولدى، ماتېرىيالدا بارلىرى سۆزلەنمىدى، دوكلات ئون مىنۇت داۋاملاشتى.

  دوكلات ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى يېرىم سائەتلىك ئىسمىنى ئاتاپ سۆزلىتىشكە نىسبەتەن بەزى كادىرلاردا بېسىم پەيدا بولدى. لى جيەنخۇا ئالدى بىلەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئوبدان قاراڭلار، ئىنچىكە ئويلىنىڭلار، مەسىلىنى كۆرسىتىپ بېرىش كېرەك، ئەگەر ھەممىسى ياخشى گەپ بولسا، باھالاش يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ.

  لىنۋۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى لى جيەنجۈن مۇنداق دېدى: بۇ بىزنى كۆزدىن كەچۈرۈش داۋامىدا بۇ جايدىكى ناھىيە، رايونلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈش ئۈستىدە ئويلىنىشقا، شۇنداقلا كۆزدىن كۆچۈرۈلگەن جايلاردىن ئۆگىنىپ، پەرقنى تېپىپ چىقىپ، ئاتۇقچىلىق ئارقىلىق كەم-كۈسىتىمىزنى تولۇقلاشقا ئۈندىدى. بۇ قېتىم ئىمتىھانغا قاتناشقاندەك ھېس قىلدۇق.

  باھالاش يىغىنىدا، نۇرغۇن كادىرلار ئوي پىكىرگە تولغان خاتىرە دەپتەرلەرنى ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ پىكىر يارقىن نۇقتىلىرى ئۈستىدە ئىزدەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى سۈي بو مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنىنىڭ ئىستىلى ناھايىتى ياخشى بولدى، كادىرلارنىڭ ئىستىلىمۇ چېنىقتۇرۇلدى. بىز بۇنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئاممىۋى لۇشۈن تەربىيە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر