باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەر بىلەن سۆزلەشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2013.09.30 15:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرىيە پىرېزىدېنتى باشار ئەسەت يېقىندا ئىتالىيە ھۆكۈمەت تەرەپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ھەممىسى تېررورچى تەشكىلات ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  باشار مۇنداق دېدى: ئەگەر ئۇلار قورالغا ئىگە بولسا ئۇنداقتا ئۇلار ئۆكتىچى بولماستىن، تېررورچى بولىدۇ.

  باشار مۇنداق دېدى: سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئۆكتىچىلەر ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر پارتىيە بىلەن سۆزلىشىدۇ، قوراللىق خادىملارغا قارىتا ئۇلار قورالنى تاشلىسا، بىزمۇ ئۇلار بىلەن سۆزلىشىشكە تەييارمىز.

  باشار سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى يېقىندا ماقۇللىغان سۈرىيەگە چېتىشلىق قارار لايىھەسىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

  سۈرىيەدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى گۇرۇھ بولغان سۈرىيە مەملىكەتلىك دېموكراتىك ئىسلاھات كۈچى مىللىي ماسلاشتۇرۇش ئورگىنىنىڭ ئەزاسى 29-سېنتەبىر تاراتقۇلارغا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى يېقىندا ماقۇللىغان سۈرىيەگە توغرىسىدىكى قارارىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر