باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 8 تۈرلۈك بەلگىلىمە ھەققىدە يەنە بىر قېتىم ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2013.09.29 15:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يەنە بىر قېتىم مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان تىپىك مەسىلىلەر ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار چىڭ تۇرۇش بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، 4 خىل ئىستىلنى تۈزىتىشتە چىڭ تۇرماسلىق، چوڭقۇرلاشتۇرماسلىق مەسىلىسىنى تۈزىتىشى كېرەك؛ مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاڭلىقلىقى، قەتئىيلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ روھىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى كېرەك؛ ياخشى پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى ئارقىلىق جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ياخشى ئىستىلىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى نۇرلاندۇرۇشى لازىم.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن پارتىيە مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشيەن تەربىيە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ چىن كۆڭلىدىن ھىمايىسىگە ئېرىشتى. يېقىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ لىياۋنىڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمنىڭ پۇلىغا سوۋغا بېرىش، يەپ-ئىچىشتەك ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي توسۇپ، توغرا كەيپىياتلىق بايرام ئۆتكۈزۈش ھەققىدە مۇھىم يوليورۇق بەردى، بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 خىل ئىستىلنى تۈزىتىش قەتئىي ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىشى كېرەك، 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 12 مىڭ 99 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، 13 مىڭ 999 كىشى بىر تەرەپ قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە 2814 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئىنتىزامنى داۋاملىق ياخشى ئىجرا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ياخشى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. دۆلەت بايرىمى پات ئارىدا يېتىپ كېلىدۇ، ئومۇمنىڭ پۇلىغا سوۋغا بېرىش، يەپ-ئىچىش، ساياھەت قىلىش ۋە بۇزۇپ چېچىپ ئىسراپ قىلىش قاتارلىق ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي توسۇشى لازىم. مۇھىم ۋاقىتتا چىڭ تۇتۇپ، كېلەر يىلى يېڭى يىل، چاغان، مەملىكەتلىك ۋە جايلارنىڭ ئىككى يىغىن مەزگىلىدە ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، 4 ئىستىلنى قەتئىي تۈزىتىشى كېرەك.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر