باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىلىپپىن ھۆكۈمىتى تۇتقۇن قىلىش كىرىزىسى ئاياغلاشتى دەپ جاكارلىدى

2013.09.30 15:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىلىپپىن پىرېزىدېنت مەھكىمىسى 28-سېنتەبىر مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئۆكتىچى ھۆكۈمەت قورال كۈچلىرى-«مورو مىللىي ئازاتلىق فرۇنتى» تۇتۇپ تۇرغان تەخمىنەن 200 تۇتقۇننى قۇتقۇزۇپ چىقتى. بۇنىڭ بىلەن ئۈچ ھەپتىگە يېقىن داۋاملاشقان تۇتقۇن قىلىش كىرىزىسى ئاياغلاشتى. فىلىپپىن دائىلىرى مورو مىللىي ئازاتلىق فرۇنتىنىڭ قالغان ئەزالىرىنى قوغلاپ تۇتماقتا.

  بۇ تەشكىلات 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا قۇرۇلغان بولۇپ، قۇرۇلغان چاغدا فىلىپپىنىڭ جەنۇبىدا مۇستەقىل ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشنى باش مەقسەت قىلغان ئىدى. ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بۇ تەشكىلاتتىن ئايرىلىپ چىققان «مورو ئىسلام ئازاتلىق فرۇنتى» بىلەن رەسمى تىنچىلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ تەشكىلاتنى قۇرغۇچى مىسۇئەلى بۇ كېلىشىمنى ئىمزالاشقا قارشى تۇرۇپ، قايتىدىن قوراللىق ئۇرۇش قوزغايمەن دەپ جار سالدى ھەمدە بۇ يىل ئاۋغۇستتا فىلىپىننىڭ جەنۇبىي رايونىدا ئاتالمىش «باڭسا مورو فىدىراتسىيە جۇمھۇرىيىتى» قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر