- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەركەز كادىرلارنى تەربىيەلەش ھەققىدە پىلان ئېلان قىلدى
2013.09.29 15:18 مەنبە: خەلق تورى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا «2013-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە بولغان مەملىكەتلىك كادىرلارنى تەربىيەلەش پىلانى»نى ئېلان قىلدى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ پىلاننى ئەستايىدىل ئىزچىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى. پىلاندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كادىرلارنى تەربىيەلەش- يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشتىكى يېتەكچىلىك، ئاساسلىق، ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشتا تەڭداشسىز ئورۇنغا ۋە رولغا ئىگە.
پىلاندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: كۇرسانتلارنى قاتتىق باشقۇرۇش، كۇرسانتلاردىن كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلىش، ئۆز-ئارا مېھمان قىلىش، ئومۇمنىڭ پۇلىغا زىياپەت ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلىش، گۇرۇھ بولۇۋېلىش قاتارلىق ھادىسىلەرنى توسۇش، ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر