باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇش، دادىل تەنقىد قىلىش، تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش

2013.09.30 16:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ سەمىمىي، ئەمەلىي ھەم روھىيەتكە تاقايدىغان دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكى توغرىسىدا

  جۇڭ شيۇلىڭ، فىڭ جىن

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 27 – سېنتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى مەخسۇس تېمىسىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى. بۇ كۈنلۈك دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى سائەت 21 گىچە داۋاملاشقان بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىدىكىلەر يەنىلا جۇشقۇن ھالەتنى ساقلىدى، كۆپ تەسىراتقا ئىگە بولغانلىقىنى ھېس قىلىشتى. يىغىندىن كېيىن، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ قېتىمقى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدىكى ئالاقىلىشىش نۇقتىسى. بۇ قېتىمقى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى يۇقىرى سۈپەتلىك، راستچىل، تەنقىد دادىل بولدى، روھىي دۇنياغا ھەقىقىي ‹‹تاقالدى››، بۇ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىدىكىلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپ، ‹‹يۈزىنى قىزارتىش، تەرلىتىش، زەھەرنى ھەيدەش، كېسەلنى داۋالاش›› ئۈنۈمىگە ھەقىقىي ئېرىشتى. كۆپچىلىك يىغىندىن كېيىن بىردەك ئەستايىدىل رەتلەپ چىقىپ، تەدبىرلەرنى ۋە تۈزىتىشنى كۈچەيتىپ، ‹‹بەش مۇلازىمەت›› نى ھەققىي ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

  قاتتىق تەلەپ قويۇش، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، ئەستايىدىل تەكشۈرۈش

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايوننىڭ 1 – تۈركۈم تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان ئورۇن شۇنداقلا جاڭ چۈنشيەننىڭ ئالاقىلىشىش نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 7 – نازارەتچىلىك – يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىككى ئايدىن بۇيان، سىستېمىلىق ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش، كەڭ دائىرىدە پىكىر قوبۇل قىلىش، ئۆگەنگەچ تەكشۈرۈش ۋە تۈزىتىش قاتارلىق 1 – ھالقىدىكى خىزمەت ۋەزىپىسى، شۇنىڭدەك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىردىشىش، مۇڭدىشىش قاتارلىق 2 – ھالقىدىكى بەلگىلەنگەن خىزمەتلەرنى تاماملىدى.

  جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا بىر نەچچە قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەردى. جاڭ چۈنشيەن 18 – سېنتەبىر تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىغا بېرىپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا تەييارلىق قىلىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 22 – سېنتەبىر ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات سىستېمىسى بويىچە تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، رەھبىرىي يولداشلار سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى سىسىتېمىسى بويىچە ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى؛ جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايوننىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى 7 – نازارەتچىلىك – يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەھۋال دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلىدى؛ جاڭ چۈنشيەن 27 – سېنتەبىر بىر كۈن ۋاقىت ئاجرىتىپ، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى.

  تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغان ئىككى ئايدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى ئارقا – ئارقىدىن بەش قېتىم يىغىن ئېچىپ، مەخسۇس مۇزاكىرە قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇردى، 21 مەيدان/قېتىم مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ ۋە سۆھبەتلىشىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ 64 پىكىر – تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى، نازارەتچىلىك – يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى رەھبەرلىك بەنزىسىدىكىلەرگە 51 تەكلىپ – پىكىرنى ئىنكاس قىلدى.

  ھەقىقىي تەنقىد قىلىش، سەممىي مۇئامىلە قىلىش، چوڭقۇر ئانالىز قىلىش

  رەيھان يۈسۈپ ئاساسىي قاتلامدىن باشلاپ ئىشلەپ، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى سىستېمىسىدا 29 يىل ئىشلىدى. ‹‹ئىلگىرى نەتىجىنى كۆپرەك، مەسىلىنى ئازىراق سۆزلەيتتۇق ياكى مەسىلىدىن ئۆزىمىزنى قاچۇراتتۇق. بۇ قېتىم رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ۋە سۆھبەتلىشىپ، مۇڭدىشىپ، سېلىشتۇرما ماتېرىيال يازغاندا يازغانسېرى شۇنچە تەرلىدى››، دېدى رەيھان يۈسۈپ. ئۇ ئۆزىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ئانالىز قىلدى ھەم بەنزە ئەزالىرىغا كونكرېت پىكىر – تەكلىپلەرنى بەردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى لى مىڭچۈەن: ‹‹ئىلگىرى يۈزەكى <توپا – چاڭ> نىلا تازىلاپ تۇراتتۇق، بۇ قېتىم مەدھىيە كۈيلىرى ئېيتمىدۇق، ئۈمىد – ئارزۇلار ئۈستىدە سۆزلەپ يۈرمىدۇق، بەلكى ھەقىقىي ئىش قىلدۇق. مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن باشقا، يەنە مەسىلىلەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، تەنقىد بىلەن ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرغاندا، يۈزىمىز ھەققىي قىزاردى››، دېدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ‹‹كەمچىلىكنى ئوچۇق ئېيتىش، يۈزنى قىزارتىش، جىسمىنى تەرلىتىش، زەھەرنى تازىلاش›› تەلىپى بويىچە، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ئىسراپخورلۇق ئىستىلىنىڭ خىلمۇخىل ئىپادىسىگە ئۆزىنى سېلىشتۇرغان ھالدا، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى ھەم سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، ئۆز ئارا تەنقىدىي پىكىرلەرنى بېرىپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قائىدە – تۈزۈم ئورنىتىش توغرىسىدا كونكرېت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەكشۈرگەچ ئۆزگەرتىش ھەم ھەققىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش

  جاڭ چۈنشيەن: بۇ، ھەقىقىي مەنادىكى مەسىلىنى ھەل قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈپ تاپىدىغان دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى بولدى. ‹‹پىكىر – تەكلىپلەرنى خۇلاسىلەپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، تەرەققىياتنى تۇتۇش بىلەن بىللە ئىسلاھاتنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، كەسىپنى تۇتۇش بىلەن بىللە پارتىيە ئىشلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، تاشقى مۇلازىمەتنى تۇتۇش بىلەن بىللە ئىچكى قىسىمدىكى خەلق تۇرمۇشىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. ئىسلاھات جەھەتتە ئىچكى قىسىمدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي تەستىقنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، ھۆكۈمەت مەبلىغى تۈرىدىن 31نى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشىمىز ھەم تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى ھاۋالە قىلىشىمىز كېرەك. سىرتقا قارىتا، سۇ باھاسى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، تېجەشچان جەمئىيەت قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك››، دېدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دولقۇن توختى: ‹‹كۆپچىلىكنىڭ تەنقىدىي پىكىرلىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلىمەن، بۇ، مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تىرىشىش يۆنىلىشىمدۇر. ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە دەپ بىلىپ، تەدبىر بەلگىلەشتە سەۋەنلىكتىن ۋە خىزمەتتە ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى ئورۇنسىز زىيانغا ئۇچرىتىش، ئاممىنىڭ كۆڭلىگە ئورۇنسىز ئازار بېرىشتىن ساقلىنىمەن››.

  تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىدىكى ھەر بىر يولداش تەكشۈرۈش، ئانالىز قىلىش ئاساسىدا ئۆزىنىڭ تۈزىتىش يۆنىلىشى ۋە تەدبىرلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپچىلىك بىردەك: جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر