- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ پاكسىتاننى تەمىنلىگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ماددى ئەشيالىرى نەنجىڭدىن توشۇلۇشقا باشلىدى
2013.09.30 17:17 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
29-سېنتەبىر ، چېدىر ، مېنېرال سۇ ، گېنېراتور ، خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ، دورا قاتارلىق 100 توننىغا يېقىن جىددىي قۇتقۇزۇش ماددى ئەشيالىرى قاچىلانغان شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ‹‹ بوئىن 747-400 ›› بەلگىلىك يۈك ئايروپىلانى جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىنىڭ لۇكو ئايرودۇرۇمىدىن پاكىستاننىڭ كاراچى ئايرودۇرۇمىغا قاراپ ئۇچتى .
شۇ يەر ۋاقتى 24-سېنتەبىر ، پاكىستاندا 7.7 بال يەر تەۋرەپ ، نۇرغۇن ئادەم يارىلىنىپ ۋە قازا قىلىپ ، مال–مۈلۈك ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى . جۇڭگو ھۆكۈمىتى پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە بولغان سەمىمىي دوستلۇقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ، پاكىستاننى 1 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە نەق پۇل ۋە 30 مىليون خەلق پۇلى قىممىتىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ماددى ئەشيا ياردىمى بىلەن تەمىنلەشنى قارار قىلدى . نۆۋەتتە ، تۇنجى تۈركۈمدىكى قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى شۇ يەر ۋاقتى 28-سېنتەبىر كەچ پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى .
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر