باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى: ئىككى قىرغاق چەتكە چېتىشلىق ئىشلاردا زۆرۈرىيەتسىز ئىچكى زىياندىن ساقلىنىشى كېرەك

2013.09.26 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنى ئاچتى. ئاخبارات باياناتچىسى ياڭ يى يېقىندا تۈزۈلگەن گومىنداڭ سىياسەت پىروگراممىسى لايىھەسىدىكى ئالاقىدار ماددىلارغا قارىتا: بىز ئىككى قىرغاق چەتكە چېتىشلىق ئىشلاردا زۆرۈرىيەتسىز ئىچكى زىياندىن ساقلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىنى قوغداشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدۇق، دېدى

  ئىتتىپاق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى: «يېقىندا تۈزۈلگەن گومىنداڭنىڭ 19-قۇرۇلتىيىنىڭ سىياسەت پىروگراممىسى لايىھەسىنىڭ بىر ماددىسىدا <ئىككى قىرغاقنىڭ دىپلوماتىك توقۇنۇشىنى چەكلەپ، ئىككى قىرغاقنىڭ خەلقئارا تەشكىلات ۋە پائالىيەتلەرگە ئورتاق قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش> كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دەپ سورىغاندا، ياڭ يى مۇنداق دېدى: بىز ئىككى قىرغاق چەتكە چېتىشلىق ئىشلاردا زۆرۈرىيەتسىز ئىچكى زىياندىن ساقلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىنى قوغداشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدۇق. تەيۋەننىڭ خەلقئارا تەشكىلات ۋە پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش مەسىلىسىگە كەلسەك، «ئىككى جۇڭگو»، «بىر جۇڭگو، بىر تەيۋەن» پەيدا قىلماسلىقنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ھالدا، ئىككى قىرغاق ئەمەلىي كېڭىشىش ئارقىلىق مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. (دېڭ جىخۈي، ليۇ جيېيەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر