باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ساھىبلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىدىن ئۆگىنىش ۋە ئۇلارنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك ئەخلاقىي تايانچ شەكىللەندۈرۈشنى تەكىتلىدى

2013.09.27 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ليۇ يۈنشەن كۆرۈشۈشكە ۋە سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

  26-سېنتەبىر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتى ساھىبلىرى بىلەن كۆرۈشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ قاتارلىق مەركەز رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 26-چېسلا چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتى ساھىبلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ئىجتىمائىي ئەخلاق قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم بايراق، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىدىن ئۆگىنىش ۋە ئۇلارنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش سەمىمىيلىك، ئاق كۆڭۈللۈك ۋە راستچىللىقنى تەرغىپ قىلىپ، ھەققانىي ئېنېرگىيەنى تارقىتىپ، خەلق ئاممىسىنى ئەخلاق ۋە ياخشىلىقنى ئۇلۇغلاپ ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتىكىلەرنى ئېسىل پەزىلەتلىك، ئەخلاقلىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ ۋە ئەخلاقىي تايانچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر