باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە «دۇنيا ساياھەت كۈنى» خاتىرىلەندى

2013.09.27 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ تەملىك يۇلتۇزلۇق ئارامگاھ» باھالاپ چىقىلدى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى بىلەن شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن «ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ تەملىك يۇلتۇزلۇق ئارامگاھ» نى باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش مۇراسىمى 27–سېنتەبىر «دۇنيا ساياھەت كۈنى» دە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئېقىندالا يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 19 – مايدىكى «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» دە باشلانغان بۇ پائالىيەتتە ئۈرۈمچى رايونىدىكى 178 يۇلتۇزلۇق ئارامگاھلار ئارىسىدىن يىمەك - ئىچمەك، مىللىي خاسلىق، مۇھىت، مەدەنىيەت جەھەتتىن ئالاھىدە گەۋدىلەنگەن داۋانچىڭ رايونىدىكى «لوڭمېن» ئارامگاھى قاتارلىق 13 ئارامگاھ بۇ قېتىمقى باھالاشتا ئوزۇپ چىقىپ، «ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ تەملىك يۇلتۇزلۇق ئارامگاھ» شەرىپىگە نائىل بولغان. شۇ كۈنكى پائالىيەتتە شەرەپكە نائىل بولغان ئارامگاھلارنىڭ ئالدى 10 مىڭ يۈەن بىلەن، تۆۋىنى 5 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى.

  بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر