باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوبامانىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى يېقىن دوستى باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى

2013.09.27 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوباما(سولدا) بىلەن كوس كاكۇگاۋا (ئوڭدا)نىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى سۈرئىتى، ئەينى چاغدا ئۇلار ئىنتايىن يېقىن دوستلاردىن ئىدى.

  ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئەڭ يېقىن دوستى كوس كاكۇگاۋا22-چېسلابىر ئايالنى قاتتىق ئۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى. ئېيتىلىشىچە، ئوباما بىلەن كوس كاكۇگاۋا «قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتكەنىكەن».جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دۇمبالاندىم ھەم باسقۇنچىلىققا ئۇچرىدىم، دېدى

  54 ياشقا كىرگەن قارا تەنلىك كاكۇگاۋاد بىر ئايالنى قانۇنسىز قامىغان، ئۇرغان ۋە ئۇنىڭغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن 22-چېسلا كالفورنىيە ئىشتاتى ئېۋرېكا شەھىرىدىكى ئۆيىدە قولغا ئېلىندى. ئۇ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى يېقىن ئاغىنىسى ئىدى. بۇ ئىش تاراتقۇلارنىڭ كەڭ ئېتىبارىنى قوزغىدى.

  كاكۇگاۋاد دېلوسىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئايالنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ كاكۇگاۋاد بىلەن بىللە سىرتقا چىقىپ تاماق يەپ، ياتىقىغا قايتىپ كەلگەندە، كاكۇگاۋاد ئۇنى ئۇرغان ۋە ئۇنىڭغا باسقۇنچىلىق قىلغان ھەمدە قاماپ قويغان.

  دادىسىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئوبامانىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە ھەسەت قىلىدىكەن

  خەۋەر بېرىلىشىچە، كاكۇگاۋاد ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ياخشى ئاغىنىسى ئىكەن، لېكىن، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئىككىسىنىڭ تۇرمۇشى ئاسمان-زېمىن پەرق قىلغان.

  ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كاكۇگاۋاد ئوباماغا ئىنتايىن ھەۋەس قىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا ھەسەت قىلىش، ھەتتا ئۆچمەنلىك پەيدا بولغانىكەن. ئوباما زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، كاكۇگاۋاد ئۇنىڭ سەتچىلىكلىرىنى ئاشكارىلايمەن، دەپ تەھدىد سالغانىكەن. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كاكۇگاۋاد ئوبامانىڭ ياش ۋاقتىدىكى نۇرغۇن مەخپىيەتلىكلىرىنى بىلىدىغان بولۇپ، جامائەتچىلىككە ئاشكارىلايدىغانلا بولسا، ئوبامانى ئوسال ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىنكەن. «بۇ ‹مەخپىيەتلىكلەر›نىڭ تولىسى ياشلىقتا يېنىكلىك قىلىپ قويغان ئىشلار، لېكىن ئۇ ئوبامانىڭ ياش ۋاقتىدا زەھەر چەككەن تارىخىنى ھەممەيلەندىن بەكرەك بىلىدۇ. ھازىر ئۇ قاتتىق ئۈمىدسىزلىك ئىلكىدە تۇرىدۇ، بەلكىم ئۆمۈرلۈك قاماققا كېسىلىشى مۇمكىن، ئۇ شۇ سەۋەبتىن مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇشى مۇمكىن».

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر