باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ھىندىستاننىڭ يادرو قورالى مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىۋەتتى(1)

2013.09.29 09:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» تورىنىڭ 26-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ 25-سېنتەبىردىكى «ھىندى دىنى مۇرتى گېزىتى» نىڭ باش بېتىگە «ئامېرىكا دۆلەتلىك بىخەتەرلىك ئىدارىسى ھىندىستاننىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى، ب د ت ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرۇشلۇق باشقارمىسىدا ئوغرىلۇقچە ئاڭلاش ئۈسكىنىسى ئورناتتى» ناملىق خەۋەر بېسىلغان بولۇپ، خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر گېزىت ئامېرىكا دۆلەتلىك بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مەخپىي ھۆججىتىنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەڭ مۇھىم بۇ ئىككى ئورگىنى ئامېرىكا دۆلەتلىك بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن مەركەزلىك نازارەت قىلىنىدىغان ۋە ئوغرىلۇقچە ئاڭلايدىغان نىشان قىلىنىپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ئوغرىلۇقچە ئاڭلاش، نازارەت قىلىش ئۈسكىنىسى ئورنىتىش ئارقىلىق ھىندىستاننىڭ كومپيۇتېر ۋە تېلېفونىنى نازارەت قىلغان.

  يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنە ئامېرىكىنىڭ ھىندىستاننىڭ تور ئارقىلىق يوللىغان ۋە قوبۇل قىلغان ئۇچۇرلىرى، ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى، تېلېفون ئالاقىسى ھەتتا سانلىق-مەلۇمات ئامبىرىدىكى مۇھىم ئۇچۇرلارنىمۇ قولغا چۈشۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. ماتېرىياللاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئامېرىكا مەزكۇر تۆت خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئوغرىلۇقچە نازارەت قىلىش ئۈسكىنىلىرىنى ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە ئارمىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىشخانىلىرىنى نازارەت قىلىشقا ئىشلەتكەن.

  ئامېرىكىنىڭ Lifesaver: كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دىسكىسىدىكى سىن ئەكس ئەتتۈرۈشنى كونترول قىلالايدۇ. Highlands: بىۋاسىتە نىشانغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ سانلىق-مەلۇماتلارنى توپلايدۇ. Vagrant: ئېچىلغان كومپيۇتېرنىڭ ئېكرانى ئارقىلىق ئۇچۇرلارنى يىغىدۇ. Magentic: سانلىق-مەلۇماتلارنىڭ سىگنالىنى قوبۇل قىلىپ يىغىدۇ. ھىندىستاننىڭ مەلۇم بىر يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە ئەمەلدارى مۇنداق دېدى:«بىز ھازىر ھىندىستان ئۇچرىغان زىياننى باھالاپ چىقىۋاتىمىز، ئەگەر ئامېرىكا تەرەپ بىزنىڭ قاتتىق دىسكىمىزنى كۆپەيتىۋالغان بولسا، زىياننىڭ زادى قانچىلىق چوڭ ئىكەنلىكىنى ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.»
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر