باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت نىڭ يادرو قوراللىرى ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى قىسقارتىش مەسىلىسى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئېچىلدى

2013.09.27 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  68-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر يىغىنىنىڭ رەئىسى جون ئاش تۈنۈگۈن نىيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئورگىنىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يادرو قۇراللىرى ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى قىسقارتىش مەسىلىسى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ تۇنجى قېتىم ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى. جون ئاش بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون يىغىندا يادرو قۇراللىرى ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى قىسقارتىشنىڭ خەلقئارا تىنچلىق، بىخەتەرلىك بىلەن تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم رولىنى تەكىتلەپ، ھەر قايسى ئەللەرنىڭ يادرو قۇراللىرى ھەربىي ھازىرلىقلىرى قىسقارتىش خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى، يادرو قۇراللىرى ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى قىسقارتىش مۇساپىسىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇشىنى مۇراجەت قىلدى.

  بان كىمون يىغىندا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈنكى يىغىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى تارىخىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا يادرو قۇراللىرى ھەربىي ھازىرلىقلىرى قىسقارتىش مەسىلىسى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى بولۇپ، تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بان كىمون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلقئارا جەمئىيەت يادرو قۇراللىرى ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى قىسقارتىش جەھەتتە بەزىبىر ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشتى، يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر