خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆنۈگۈن شىنجاڭ يوپۇرغا ناھىيەسىدە كۈزلۈك بۇغداي تېرىلىشقا باشلىدى، پۈتۈن ناھىيەدە 140 مىڭ مو بۇغداي تېرىش پىلانلانغان بولۇپ، 2012-يىلدىكىدىن 6500 مودىن كۆپرەك ئاشقان، 5-ئۆكتەبىردىن بۇرۇن تېرىلىپ بولۇش پىلانلانغان.
ناھىيە بويىچە كۈزلۈك بۇغدايلارنىڭ تېرىلىش سۈپىتى ۋە ۋاقتىدا تېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يوپۇرغا ناھىيەسى ھەرخىل دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىشنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، «يېڭى قىش 20» سورتلۇق كۈزلۈك بۇغداي ئۇرۇقى سېتىۋېلىپ، بالدۇر پىلانلاپ، بالدۇر تەييارلىق قىلىپ، بالدۇر ئەمەلىيلەشتۈردى.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى