باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۆكتەبىردە لوپنۇردا توغراق بايرىمى قاينايدۇ

2013.09.25 01:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى: بايىنغولىن ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسى بىلەن لوپنۇر ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ 24 – سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىمچە، 26 – ئۆكتەبىر لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ «لوپنۇرلۇقلار كەنتى» سەيلىگاھىدا جۇڭگو شىنجاڭ «لوپنۇرلۇقلارنىڭ توغراق شادلىقى كاتتا يىغىلىشى» ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  تارىم دەرياسىنىڭ لوپنۇر ئېقىنىدا توغراقلىق كۆلىمى خېلى زور بولۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى توغراقلىقنىڭ كۆپ قىسمى لوپنۇر ناھىيەسىگە تارقالغان، دۆلەتلىك 4 ئا دەرىجىلىك سەيلىگاھ بولغان «لوپنۇرلۇقلار كەنتى» لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىق، چارۋىچىلىقى بىلەن توغراق مەدەنىيىتى زىچ بىرلەشكەن مەدەنىيەت سەيلىگاھى بولۇپ، «لوپنۇرلۇقلارنىڭ توغراق شادلىقى كاتتا يىغىلىشى» جەريانىدا بۇ سەيلىگاھتا جۇڭگو توغراق كۆرگەزمىخانىسى ۋە توغراق سەنئەت سارىيىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى، «لوپنۇرلۇقلار» تېمىسىدىكى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى، «لوپنۇرلۇقلار يۇرتىنى كۆكەرتىش» ئاساسىي تېمىسىدا توغراق تىكىش قاتارلىق بىرقاتار پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن.بايىنغولىن ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما يەنچېڭ مۇنداق دېدى: بۇ كاتتا يىغىلىشنى ئۆتكۈزۈش ـــ دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە بۇ «تىرىك تاشقاتما» نى مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمىدەك چوڭ سۇپا ئارقىلىق دۇنياغا تەشۋىق قىلىش، توغراقنىڭ «مىڭ يىلدىمۇ قۇرۇمايدىغان، قۇرۇپ كەتسىمۇ مىڭ يىلغىچە يىقىلمايدىغان، يىقىلسىمۇ مىڭ يىلغىچە چىرىمەيدىغان» مەدەنىيەت سېھرىنى نامايەن قىلىپ، كىشىلەرنىڭ توغراقلىقنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىش، توغراق مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىش، دۇنياۋى «مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە ساياھەت داڭلىق ماركىسى» نى يارىتىش ئۈچۈندۇر.

  ئىگىلىشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق ساياھەت رايونلىرىنىڭ بىرى بولغان بايىنغولىن ئوبلاستى ئالدىنقى 8 ئايدا 5 مىليون 30 مىڭ ساياھەتچى (قېتىم) كۈتىۋېلىپ، 2 مىليارد 819 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى ياراتقان، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم–ئايرىم ھالدا %16 ۋە %26 ئاشقان.

  بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر