ئەھمەد بەدىردىن ھاسۇن مۇفتىم ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى بېسىۋالغان ھالدا مۇنداق دېدى:«ئۇ مېنىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلۇم ئىدى، ئۇ ئۆلتۈرۈلگەندە ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن، ئالى مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. مەن ئۇنىڭ قازا قىلىپ كەتكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كەتمەكچىمۇ بولدۇم، ئەمەلىيەتتە، مەن دائىم ئۇنى ھاياتتەكلا ھېس قىلاتتىم ... يۇقىرىدىكى ئىككى جىنايەتچى كېيىن يەنە مېنىڭ ئوغلۇمنى ئۆلتۈرۈشكە 15 كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى ئىقرار قىلىشتى. ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا ئۆزلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىدىغان نىشانىنىڭ داڭلىق كىشى ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەن، ئۇندىن باشقا ھېچنېمىنى بىلمەيدىكەن. مەن ئۇلارنى كەچۈرۈۋەتكەنلىكىمنى ئېيتتىم ۋە شۇنداقلا باش سوتچىدىن ئۇلارغا كەڭچىلىك بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشنى تەلەپ قىلدىم. بىراق باش سوتچى: «ئۇلارنىڭ جىنايىتى ئادەتتىكى جىنايەتتىن 10 ھەسسىدىن ئارتۇق ئېغىر جىنايەت ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار چوقۇم قانۇن بويىچە ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك»دېدى. ئەھمەد بەدىردىن ھاسۇن مۇفتىم يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:«شۇ كۈنى مەن بىر تال قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالدىم، ئۇنىڭدا «بىز سېنىڭ كەڭچىلىك قىلىشىڭغا موھتاج ئەمەس.» دەپ يېزىلىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن تېلېۋىزوردىن مەزكۇر قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ رەھبىرىنىڭ «باش سوتچى ئاۋۋال ئەھمەد بەدىردىن ھاسۇن مۇفتىمنى سوتلاپ بولغاندىن كېيىن، يۇقىرىدىكى ئەزالىرىمىزغا كەڭچىلىك قىلىمىز، دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ قىسقا ئۇچۇر قايتۇردۇم: «مەن ئەزەلدىن ھەر قانداق بىر ئادەم ئۆلتۈرۈپ باقمىدىم ۋە شۇنداقلا ھەر قانداق بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈشنىمۇ ئويلاپ باقمىدىم. مەن ئۆزۈمنى تىنچلىقنىڭ ئەلچىسى دەپ قاراپ كېلىۋاتىمەن. مۇفتىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن بارلىق كىشىلەرنىڭ ئاتىسى. مەن شۇنى سوراپ باقاي، سەن مېنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق زادى نېمىگە ئېرىشمەكچى؟»