باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جاڭ شۇگۇاڭنىڭ ئاكادېمىكلىققا سايلىنىش ئۈچۈن بەرگەن زور پارا سوممىسى تەكشۈرۈلمەكتە

2013.09.29 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۆپلىگەن ئاكادېمىكلار «ئاكادېمىكلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولۇشى» پارا بېرىپ سايلىنىشتىكى ئاساسلىق سەۋەب، دەپ قارىدى

  «جىڭخۇا» ۋاقىت گېزىتىنىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسەن بەرگەن خەۋىرى: تۆمۈريول مىنىستىرلىقى ترانسپورت ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى، مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى جاڭ شۇگۇاڭنىڭ ئاكادېمىكلىققا باھالىنىش نامىدا بەرگەن زور پارا سوممىسى زادى قەيەرگە خەجلەنگەنلىكىنى ئەدلىيە ئورگانلىرى تەكشۈرمەكتە. خېلى كۆپ ساندىكى ئاكادېمىكلار جاڭ شۇگۇاڭنىڭ ئاكادېمىكلىققا پارا بېرىپ سايلانغانلىق دېلوسىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ چىقىشنى ئۈمىد قىلدى.

  ئاكادېمىكلار تەلتۆكۈس تەكشۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان جاڭ شۇگۇاڭ 2007-يىلى تۇنجى قېتىم ئاكادېمىكلىققا باھالىنىشقا قاتناشقاندا، نۇرغۇن ئاكادېمىك ئۇنىڭ ئىلمىي مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ يالغانلىقىنى ئىمزاسىز پاش قىلىپ يازغان خەتنى تاپشۇرۇۋالغان، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئادەم تەشكىللەپ، سابىق تۆمۈريول مىنىستىرلىقىغا تەكشۈرۈشكە ئەۋەتكەن. ئەينى چاغدىكى تۆمۈريول مىنىستىرلىقى ئۇنى «ناھايىتى كەسكىن» ئىنكار قىلغان، تېخى ئۇنىڭغا قىزىل تامغىمۇ بېسىپ بەرگەنىدى.

  جاڭ شۇگۇاڭنىڭ زور پارا بېرىپ ئاكادېمىكلىققا سايلانغانلىقى توغرىسىدا، يېقىندا زىيارەتنى قوبۇل قىلغان كۆپلىگەن ئاكادېمىك مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ ئاكادېمىيەلىك تۈزۈمىنى ئسلاھ قىلىشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ، ئاكادېمىكلارنىڭ «ئۆمۈرلۈك ئىمتىيازى»نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۆمۈرلۈك پەخرىيلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا، باھالاش جەريانىدىكى يوشۇرۇن قائىدە ئۆزلۈكىدىن يوقىلىدۇ. ئاكادېمىكلار جاڭ شۇگۇاڭنىڭ ئاكادېمىكلىققا پارا بېرىپ سايلانغانلىق دېلوسىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر