باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز «تاشيول، سۇ قاتنىشى تەرەققىيات دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى

2013.09.27 17:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىز يېقىندا «جۇڭگونىڭ تاشيول، سۇ يولى قاتناش-تىرانسپورت تەرەققىيات دوكلاتى»نى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلدى، تەرەققىيات دوكلاتى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋاقىت 1978-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولۇپ، تاشيول، سۇ يولى قاتناش-تىرانسپورتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى، تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ئىقتىساد، سودا تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش، شەھەر-يېزا خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، بىخەتەرلىك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىكى گەۋدىلىك تۆھپىلەر ئايرىم-ئايرىم تونۇشتۇرۇلغان.

  قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لياڭ شياۋئەن تۈنۈگۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر ئېلىمىزدىكى %90 تىن ئارتۇق ئوتتۇرا دەرىجىلىك شەھەر تېز سۈرئەتلىك تاشيول بىلەن قاپلاندى، ناھىيە دەرىجىلىك ۋە ناھىيەدىن يۇقىرى مەمۇرىي رايونلاردە ئادەتتىكى غول لىنىيە تاشيوللىرى تۇتاشتۇرۇلدى ۋە قاپلاندى، بارلىق يېزا-بازار ۋە كەنتلەردە ئاساسەن يېزا تاشيولى ياسالدى. جۇڭگو تاشيولىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى، يۈك توشۇش ئىقتىدارى، ئىچكى دەريالارنىڭ قاتناش مۇساپىسى، پۈتۈن جەمئىيەت تاشيولدا توشۇغان يولۇچى ۋە يۈك مىقدارى، سۇ يولىدا توشۇلغان يۈك مىقدارى ۋە ئوبوروت مىقدارى قاتارلىق تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەر دۇنيادا 1-ئورۇنغا ئۆتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر