باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى دىققىتىنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا قاراتتى

2013.09.25 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2-نۆۋەتلىك دۇنيا ساياھەت ئىقتىسادى مۇنبىرى 18-سېنتەبىردىن 19-سېنتەبىرگىچە ئاۋمېندا ئۆتكۈزۈلدى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇنجى قېتىم ئۆمەك تەشكىللەپ بۇ مۇنبەرگە قاتناشتى. گۈزەل شىنجاڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى قاتارلىق مەركەزنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، «ئاۋمېن گېزىتى »، «مۇھاجىرلار گېزىتى»، نىلۇپەر سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى، ئاۋمېن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى . ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى شىنجاڭنىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىش ئەھۋالى توغرىسىدا بەس-بەستە خەۋەر بەردى. 20-سېنتەبىر «شياڭگاڭ سودا گېزىتى » دە، «2-نۆۋەتلىك دۇنيا ساياھەت ئىقتىسادى مۇنبىرى ئاۋمېندا ئۆتكۈزۈلدى، رەئىس نۇر بەكرى گۈزەل شىنجاڭنى تونۇشتۇردى» دېگەن ماۋزۇدا مەخسۇس خەۋەر بېسىلدى . خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى جۇڭگو-چەت ئەللەرنىڭ ساياھەتكە مەبلەغ سېلىشنى تونۇشتۇرۇش ھالقىسىدا «شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى ساياھەت ماكانى » دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى .

  «ئاۋمېن گېزىتى»نىڭ 17-سېنتەبىردىكى سانىدا «ئاۋمېن بىلەن شىنجاڭ ئۆزئارا بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، ھەمكارلىق ۋە تەرەققىياتنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك » دېگەن ماۋزۇدا خەۋەر بېرىلدى . خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولغاندا نۇتۇق سۆزلىگەندە، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»نى ئورتاق قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇر ھەققىدە توختىلىپ، شىنجاڭنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆزنەككە ئايلاندۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى بۇ تەسەۋۋرۇنى شىنجاڭغا تەستە كېلىدىغان تارىخىي پۇرسەت دەپ قارىدى .

  2-نۆۋەتلىك دۇنيا ساياھەت ئىقتىسادى مۇنبىرى «ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلىك كەسپىگە نەزەر سېلىش» نى باش تېما قىلدى . مۇنبەرگە دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە شەھەرلەردىكى مىڭغا يېقىن ئەرباب قاتناشتى، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن 40 تىن ئارتۇق مىنىستىر ۋە خەلقئارادىكى داڭلىق رەھبەرلەر نۇتۇق سۆزلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر