باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ غەيرىي رەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى (1)

2013.10.08 14:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىدا موتورلۇق رولىنى جارى قىلدۇرايلى

  ئۈچ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، ماكرو ئىگىلىك سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىككىنچى، ۋەزىيەتكە ئوبيېكتىپ ھۆكۈم قىلىپ، خىرىسقا سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلىسىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش؛ ئۈچىنچى، يىراق كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىزچىل تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇش.

  ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلىرى سودا-سانائەت رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدىخەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئۆكتەبىر ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدىن بەرگەن خەۋىرى: ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 21-قېتىملىق غەيرىي رەسمىي يىغىنى 7-چېسلا ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى، ئۇ نۆۋەتتىكى دۇنيا ئىقتىسادى توغرىسىدىكى قارىشىنى شەرھىيلەپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلىرى يېڭى تەرەققىيات مەزگىلىگە قەدەم قويۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ماكرو ئىگىلىك سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادى ۋە پۇل مۇئامىلىسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى جەھەتتىكى موتورلۇق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر