باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى: پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرايلى ۋە ياخشى ئىزچىللاشتۇرايلى

2013.10.12 14:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىز ئىسلاھات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان، تەرەققىيات ھالقىلىق دەۋرگە قەدەم قويۇۋاتقان، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر كۆپ خىللىشىپ راۋاجلىنىۋاتقان دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز. يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر ئالدىدا، بىر قىسىم كادىرلىرىمىزنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇشى يېتەرلىك ئەمەس، بەزىلىرى سىياسەت تۈزگەندە ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى تولۇق ئويلاشمىغان، بەزىلىرى ئامما ئىنكاس قىلىۋاتقان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى قانۇنغا تايىنىپ ئۆز ۋاقتىدا، مۇۋاپىق ھەل قىلالمىغان، بەزىلىرى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئاممىغا تايىنىپ ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالالمىغان ۋە ھەل قىلالمىغان. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، «فېڭ چياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.يېڭى تارىخىي شارائىتتا، «فېڭ چياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشتا، «فېڭ چياۋ تەجرىبىسى»نىڭ نېگىزلىك مەزمۇنىنى توغرا چۈشىنىش كېرەك. ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە ئۇلارغا تايىنىپ، زىددىيەتلەرنى يۇقىرىغا يوللاپ قويماي، مەسىلىلەرنى ھەل قلىشتا چىڭ تۇرۇش ــــ «فېڭ چياۋ تەجرىبىسى»نىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى؛ خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئەمەلىي مەنپەئەت مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش ـــ «فېڭ چياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تۈپ مەقسىتى ۋە مەۋقەسى؛ ئاممىۋى لۇشيەن بىلەن قانۇن ئارقىلىق ئىداردە قىلىش ئۇسۇلىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىداردە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىش «فېڭ چياۋ تەجرىبىسى» ئۆ ز ئىچىگە ئالغان يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە دەۋرنىڭ تەلىپى؛ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەخسۇس خىزمەت بىلەن ئاممىۋى لۇشيەننى بىرلەشتۈرۈش «فېڭ چياۋ تەجرىبىسى»نىڭ بىزگە ئاتا قىلغان مۇھىم كۆرسەتمىسى شۇنداقلا ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدىغان مۇھىم قانۇنىي ئەڭگۈشتەر ھېسابلىنىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى
  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر