- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


گىرۇزىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تېز ئىنكاس قىسمىغا قاتنىشىدۇ
2013.10.12 16:20 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى راسمۇسېن تۈنۈگۈن بېرۇسسلېدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شېرىك دۆلىتى گىرۇزىيە 2015-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسمىغا ئەزا بولۇپ كىرىدۇ، دېدى.
راسمۇسېن يەنە مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسمى بۇ يىل 11-ئاينىڭ باشلىرىدا پولشا ۋە لاتۋىيەدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى، شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شېرىك دۆلىتى ئۇكرائىنا بىلەن فىلاندىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىدۇ.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسمى 2006-يىلى قۇرۇلغان، ھازىر 27 مىڭ ئەسكىرى بار، بەش كۈن ئىچىدە يەر شارىنىڭ ھەر قانداق يېرىگە ئورۇنلىشالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر