باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قەرز كىرىزىسى ئامېرىكىنىڭ ئابرۇيىنى تۆكتى

2013.10.11 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيە سىياسىي جەھەتتىكى قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلىيالمىدى، بىر قىسىم فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تاقالغىنىغا ئون كۈن بولۇپ قالدى، 17-چېسلاغىچە ھۆكۈمەتكە خىلاپلىق قىلىدىغان « چوڭ مۇددەت»كە يەنە يەتتە كۈنلا قالدى.

  ھۆكۈمەت تاقىلىپ ئىقتىسادقا چوڭ زىيان يەتتى

  تارىختا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاقىلىپ قېلىشى روشەن بولغان ئەمەس. بۇنىڭدىن باشقا، 1977-يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى پارلامېنتى پۇل ئاجرىتىپ بەرمىگەچكە 17 قېتىم تاقالغان. يېقىنقى بىر قېتىمى 1995-يىلنىڭ ئاخىرىدىن 1996-يىلنىڭ بېشىغىچە بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تاقىلىپ قالغان، شۇ چاغدىكى زۇڭتۇڭ كلىنتون بىلەن ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەزاسى گىڭرىچ ھۆكۈمەت چىقىمى مەسىلىسىدە ئايىغى چىقماس تالاش-تارتىشلارنى ئېلىپ بېرىپ، ھۆكۈمەت ئىلگىرى-كېيىن ئىككى قېتىم تاقىلىپ قالغان.

  ئامېرىكا ئاقىل ئامبىرى بروكىڭس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئالىسې رىۋلىن شۇ چاغدىكى ئاق ساراي مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋە خام چوت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇ مۇخبىرىمىزغا مۇنداق دەيدۇ، بۇ يىلقى خام چوتتىكى مۈشكۈل ھالەت 1995-يىلدىكى زىياندىن كۆپ چوڭ بولدى. ئۇ چاغدا ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغانىدى، ئەمما بۇ قېتىم سىياسىي بۆلۈنۈش باشقا ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن چۇڭقۇر بولدى، ئۇلار ھەتتا خام چوت قارارى جەھەتتە كېڭىشەلمىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئىچىدىكى مۇتەئەسسىپلەر ۋە مۆتىدىللەر ئارىسىدىمۇ پىكىر-ئىختىلاپ بولدى، 1995-يىلى بۇنداق بولمىغان. تېخىمۇ مۇھىمى، 1995-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ئالاقە تورىنىڭ تۈرتكىسىدە گۈللىنىش باسقۇچىدا تۇرغانىدى، بۈگۈنكى كۈندە بولسا، ئامېرىكا ئىقتىسادى يەنىلا كىرىزىس ئىچىدە لەلەڭشىپ ئەسلىگە كېلىشكە قاراپ ماڭماقتا. ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ نۆۋەتتىكى ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن، ھۆكۈمەت تاقىلىپ قېلىپ ئىقتىسادتا زىيان چوڭ بولدى.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇررىئا 9-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي جەھەتتىكى قاتماللىقى ئامېرىكا بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىنى خەۋپ-خەتەرگە ئاپىرىپ قويدى، دېدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭچە قەرز يۇقىرى چېكىنى ئۆستۈرمەسلىك مۇمكىنچىلىكى بىرقەدەر تۆۋەن، ئەمما ھۆكۈمەت تاقىلىپ قېلىش كىرىزىسىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، جىددىيلىشىش كەيپىياتى يامراپ كېتىۋاتىدۇ.» (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر