باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭنىڭ ئەڭ چوڭ كەڭ گەۋدىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى ‹‹يېڭى قىياپەتتە سەپكە قېتىلدى›› (1)

2013.10.09 16:57        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  26-سېنتەبىر سائەت 19:19 دە ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ 200 دىن ئارتۇق يولۇچى ئولتۇرغان ، كابىنا (ئايروپىلان بۆلمىسى) سى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىلگەن بوئىن 777-200 تىپلىق بىر ئايروپىلان ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا ئاستا-ئاستا قوندى . بۇ، بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ كابىنا دەرىجىسى پۈتۈنلەي ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن ئىجرا قىلغان تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇش سەپىرى ئىدى . ئۈرۈمچى-شاڭخەي ئارىلىقىدا ئۇچىدىغان CZ6995/6 نۆۋەتلىك بۇ ئايروپىلاننىڭ يولۇچىلار كابىناسىنىڭ ئىلغار ئەسلىھەلىرى ، كەڭرى ئورۇندۇقلىرى ، ئازادە مۇھىتى يولۇچىلارنىڭ بىردەك ماختىشىغا ئېرىشتى .

  ئىگىلىنىشىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى 2012-يىلى ئىيۇندا بوئىن 777-200 تىپلىق تۆت ئايروپىلاننى شىنجاڭدىكى تارماق شىركەتنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ ، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنى توققۇز يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم كەڭ گەۋدىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانىنى باشقۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان . بۇ ئايروپىلانغا 374 ئادەم سىغىدىغان بولۇپ ، ئاساسلىقى ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ ، تەيبېي قاتارلىق جايلارغا قاتنايدىكەن ، بىر يىللىق جەمئىي ئۇچۇش ۋەزىپىسى 3000 ئايروپىلان \ قېتىمدىن ، يولۇچى توشۇش مىقدارى بىر مىليون ئادەم \ قېتىمدىن ئاشىدىكەن . جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى بۇ يىل يەنە تۇنجى قېتىم بۇ تىپتىكى ئايروپىلاننى ئۈرۈمچى-قەشقەر، ئۈرۈمچى-تاشكەنت قاتارلىق شىنجاڭ ئىچى ھاۋا يولى ۋە شىنجاڭ خەلقئارا ھاۋا يولىدا ئۇچۇشقا سېلىپ ، چوڭ تىپتىكى كەڭ گەۋدىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ شىنجاڭ ئىچى ھاۋا يولى ۋە ئوتتۇرا غەربىي ئاسىيا خەلقئارا ھاۋا يولىدا ئۇچۇش تارىخىنى ياراتقان .
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر