باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

غەربىي قىسىمدىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ داۋالاش قۇتقۇزۇش تۈرىدە دەسلەپكى قەدەمدە نەتىجە ھاسىل قىلىندى

2013.10.11 15:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  غەربىي قىسىم ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى تۆۋەن كىرىملىك، كېسىلى ئېغىر بىمارلارنى داۋالاش قۇتقۇزۇش تۈرى باشلىنىپ 10-كۈنى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق 2- دوختۇرخانا ھەقسىز داۋالاۋاتقان تۇنجى تۈركۈمدىكى تۆت ئېغىر رېماتىزم كېسىلى كارىۋاتتىن چۈشۈپ ماڭالايدىغان بولدى.

  بۇ قېتىمقى «غەربىي قىسىم ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى تۆۋەن كىرىملىك كېسىلى ئېغىر بىمارلارنى داۋالاش قۇتقۇزۇش تۈرى پائالىيىتىدە» شىنجاڭ تىببى ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق 2- دوختۇرخانا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 1- دوختۇرخانىسى بوغۇم بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراشى پىروفېسسور ساۋ يۇڭپىڭ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلق دوختۇرخانىسى بوغۇم بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراشى پىروفېسسور گۈەن جېنپېڭ ۋە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق 2- دوختۇرخانا سۆڭەك بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋراشى ئىلھام توختىنى تەكلىپ قىلىپ بىرلىكتە تىز بوغۇمىنى ئۇلاش ئوپېراتسىيەسىنى تاماملىدى. ئىلھام توختى مۇنداق دېدى: ھەقسىز بوغۇم بولمايدىغان بولسا، ئىككى تەرەپتىكى بۇغۇمنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئاز دېگەندە 100 مىڭ يۈەن كېتىدۇ، بىمارلارنىڭ ھازىرقى ئەسلىگە كېلىش ھالىتى خېلى ياخشى، ئۈچ ئايدىن كېيىن ئاساسىي جەھەتتىن نورمال ئادەم بىلەن ئوخشاش ماڭالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر