مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرىستېتى مىللەتلەر مۇزېيى، جۇڭگو مىللەتلەر كۇتۇپخانىسى، مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرى ۋە قەدىمكى ئەسەرلىرى تەتقىقات ئورنى قاتارلىق ئورۇنلار ھەمكارلاشقان «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى مىللەتلەر مۇزېيىدا ئېچىلدى.